|
9 ~; n d9 A. ? G0 v& Kكۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى، شۇنداقلا مەلۇم كېسەللىكلەرنىڭمۇ ئەينىكى، كۆز ئەتراپىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، كۆز تەكتى تەكشۈرۈشىنى ۋاقتىدا ئېلىپ بارغاندا، يۇقىرى قان بېسىم، دىئابىت كېسىلى، قاندىكى ياغ ئېشىپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا بايقىغىلى بولىدۇ. \6 P3 b1 u2 Z; e4 D
دىئابىت كېسىلى: كۆز كېسەللىكى دىئابىت كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئەگەشمە كېسىلى، ll تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ %25 ىدە كۆز پەردىسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. ئۇ كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، تەرەققىي قىلىپ ئەمالىقنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا دىئابىت ئاغرىقى كۆز ئاستىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرغىنى ياخشى. دىئابىي كېسىلى ئوتتۇرا باسقۇچقا كىرگەندە، ئاغرىقنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەيدۇ. كۆز ئالدىدا قارا كۆلەڭگە ئۇچۇۋاتقاندەك، نەرسىلەرنىڭ شەكلى ئۆزگىرەۋاتقاندەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ؛ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئەينەك تەنچىدىن قان چىقىش، كۆرۈش تور پەردىسى ئاجراپ كېتىش ۋە ئەما بولۇپ قېلىش خەتىرى پەيدا بولىدۇ.
& G0 s0 S1 D& I& v" c& ]# Lيۇقىرى قان بېسىم: يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ قان تومۇرى قىسقىراپ، قان تومۇر دىۋارى قېلىنلىشىدۇ، ئېغىر بولغاندا كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ قان تومۇرى چىقىپ قېلىش، قان چىقىش ۋە تورسىمان داغ پەيدا بولىدۇ، كۆز ئاستى ئۆزگىرىشىنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ، شۇڭا كۆز ئاستىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇشقا، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىشكە ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنى ئىگىلەشكە پايدىلىق.# D, \7 R% Y: g+ [7 U8 C* p
قاندىكى ياغ مىقدارى ئېشىپ كېتىش: قاندىكى ياغ مىقدارى ئېشىپ كېتىش مەنبەلىك كۆز ئاستى ئۆزگىرىشىنى ترىگلىتسېرىد تەركىبلىك چوڭ دانچە ياغ ئاقسىلىنىڭ كۆز ئاستىدىكى كىچىك ئارتېرىيەگە يىغىلىۋېلىپ، نۇرنى سۇندۇرۇشىدىن پەيدا بولىدۇ. يۇقىرى ترىگلىتسېرىد قان كېسىلى ئېغىر بولسا، خىلوس زەررىچە كېسىلىنىڭ ئالامىتىمۇ كۆرۈلىدۇ. شۇڭا قاندىكى ياغ مىقدارى ئېشىپ كەتكەنلەر بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە قاندىكى ياغ مىقدارىنى ۋە كۆز ئاستىنى تەكشۈرتۈشى كېرەك., V5 t$ E, W/ l; ^- @
سەكتە: مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «كۆز ئاستى قان تومۇرىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن ئادەمنىڭ سەكتە بولۇش خەۋپى نورمال ئادەمنىڭكىدىن %70 يۇقىرى بولىدۇ، بۇ خىل ئۆزگىرىش قان تومۇردىكى قىلدام ئارتېرىيە ئۆسمىسى ياكى مىكرو ئارتېرىيەسى يېرىلىپ كېتىشتىن پەيدا بولغان قىلدام قان دېغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ»." i1 y# |! `$ Z$ s$ Y( s
سەكتە ئاغرىقى كۆز ئاستىنى تەكشۈرتكەندە كۆز ئاستى كۆرۈش تور پەردىسىدە قان چىقىش ئەھۋالى بايقالسا، شۇنداقلا قان تومۇرلارنىڭ گىرەلىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك بولسا ياكى قان تومۇرى قىسقىراش ئەھۋالى بايقالسا، بۇ ئارتېرىيە قېتىشىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئارتېرىيە قېتىشىش ئېغىرلاشقانسېرى سەكتىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى شۇنچە كۈچىيىدۇ. |
بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار
مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ
x
|