ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2011-03-16

    پەلسەپەلىك ئاتالغۇلارغائىزاھات - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/109317278.html


    مەن بۇ يەردە ئالىم ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىممىننىڭ ‹‹قاتلاملىق ئېستېتىكا›› دېگەن كىتاۋىنى ئوقۇغاندىن كېيىن . كىتاپتا بېرىلگەن بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ ئىزاھاتىنى يىغىپ ئەكەلدىم.

    ئابىستىراكىزىم-كونكېرېت ئوبىيېكتسىز سەنئەت ئىجادىيەت ئۇسۇلى.رىئاللىقتىن چەتنەشكەن،نوقۇل ئوبېكتىپ خاھىشنى ئىپادىلەشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىجادىيەت ئېقىمى .

    ئاگىنۇستىتسىزىم-پەلسەپەدە ئىنسان دۇنيانى بىلەلمەيدۇ ،ھادىسلىرىنى بىلىپ ماھىيەتلىرىنى بىلەلمەيدۇ دەيدىغان پىكىر ئېقىمى .

    ئانتوروپولوگىيە-ئىنسانشۇناسلىق ئىلىمى ،ئىنساننىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئىپتىدائى تۈر مەدەنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ .

    ئامۇرالىزىم-ئەخلاق پەزىلەتنى ۋە ئەخلاقىي ئاڭنى رەت قىلىدىغان پىكىر ۋە ئىجادىيەت ئېقىمى .

    ئاكۇستىكا-فىزىكىنىڭ ئاۋاز ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان قىسىمى، ئاۋاز فىزىكىسى .

    ئانىمىزىم -ئىپتىدائى ئىنسانىيەتنىڭ كۆپ تەڭسىزلىك ئېتىقادى،ئىپتىدائى ئىنسان ھەر بىر نەرسە ۋە ھادىسىنى باشقۇرىدىغان مۇئەككەل بولىدۇ ، دەپ قارالغان .

    ئانىتىنومىيە-كانىت ئوتتۇرغا قويغان بىر-بىرىگە قارشى ئىككى يەكۈننى بىر گەۋدە قىلغان ھۆكۈم.

    ئاترىبوت-پەلسەپەدە بىرەر شەيئىنى ۋە ھادىسىنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتىنى كۆرسىتىدىغان كاتىگۇرىيە .

    ئاتېئىزىم-پەلسەپەدە ئىلاھسىزلىقنى دەۋەت قىلىدىغان پىكىر ئېقىمى .

    ئارخائىرىم-تىل مەدەنىيەتكە كونا،قەدىمقى لۇغەت ۋە ئۇسلۇپقا قارىتىلغان ئىبارە .

    ئافىردىتا-قەدىمقى گېرىك ئەپسانىلىرىدىكى گۈزەللىك ۋە مۇھەببەت تەڭرىسى.

    ئافۇرىزىم-ئەقلىيە سۆز، ھىكمەتلىك سۆز.

    بىئائۇتىزم-نۇقۇل گۈزەللىك قارىشىنى بەدئى ئىجادىيەت ۋە بەدئى زوقنىڭ بىردنبىر پىرىنسىپى دەيدىغان پىكىر ئېقىمى.

    بىراخما- قەدىمقى ئارى(ئارىئان) ۋە ھىندىستان دىنى-بىراخمانىزىندىكى ئىلاھ نامى

    ۋولىيونتارىزىم-ئىرادىنىڭ سوبېكتىپ قەيسەرلىگىنى مۇتلەقلەشتۈرىدىغان پىكىر ئېقىمى‹‹ئىرادىچىلىك››

    گىبىرنىتىكا-كونتىرول نەزىريەسى.

    گىنوسېئولوگىيە-بىلىش نەزىريەسى.

    گۈزەلچىلىك-بىئائوتىزىمگە قارالسۇن.

    ئېنفورماتسىيە-ئۇچۇر.

    ئېتنولوگىيە-مىللەتشۇناسلىق.

    ئېتنوگىرافىيە-مىللەتلەر، قەبىلىلەر تەتقىقاتى.

    ئېتنونىم-مىللەت نامى.

    ئېتنوگېنىز-مىللەتنىڭ نەسىل- قان سېستىمىسى.

    ئېرارخىيە-فىئوداللىق(ياكى دىنى) تەبىقە دەرىجىلىك تۈزۈمى.

    ئېكىسپېرسىئۇنالىزىم- سەنئەتنى نۇقۇل سەنئەتكار سوبېكتىنىڭ ئىپادىلىشى دەيدىغان ‹ئىپادىچىلىك›› پىكىر ئېقىمى .

    ئىرراتتسىئۇنالىزىم-ئەقىلنىڭ بىلىشى،ئىجادىيەت ۋەزوقلىنىشتىكى رولىنى ئىنكار قىلىدىغان پىكىر ئېقىمى .

    ئېنېستىنكت-ھايۋانى تەبىئەتكە خاس تۇغما ئىقتىدار، ئۇ ئىنساننىڭ ھايۋانى تەبىئىتىدىمۇ مەۋجۇت.

    ئىللۇزىيە-خىيال، خىيالى ئويلاش.

    ئىككى ئۆلچەملىك-ئۇزۇنلۇق ۋە ئەندىن ئبارەت تەكشى مەيدان بوشلۇق پىلانمسېترىك كەڭلىك.

    زارائاستىرىزىم- ئاتەشپەرەسلىك دىنى .

    زىرىۋانىزىم-قەدىمقى مىسۇاوتامىيىدىكى يۇلتۇزغا چۇقۇنۇش ئېتىقادى .

    كاتىگورىيە- پەلسەپىۋى بىلىشتىكى چۈشەنچە بىرلىگى، بىلىشنىڭ مەنتىقىيلىق ئۇقۇم شەكلى .

    مانى- مانىزىم دىنى ئىختىراچىسى ،ئۇستا رەسسام، نەققاش ۋە يېزىق ئىجاتچىسى بولغان .

    مانىزىم- مانى ياراتقان دىنى ئېتىقاد .

    مانىرىزىم- رەسساملىق ۋە ھەيكەلتاراشلىقتا ئۇچرايدىغان بىزەكچىلىك،ھەشەمەتچىلىك ئۇسلۇبى .

    مىتودولوگىيە- پەلسەپىۋى دۇنيا قاراشنىڭ بىر قىسمى،بىلىش نەزىريەسى قىممىتىدىكى ئۇسۇل نەزىريەسى .

    ماترىئارخات- ئانا ئۇرۇغى تۈزۈمى .

    مەقسەتدارلىق نەزىريەسى-يارىلىش مەلۇم(مەسىلەن ياراتقۇچى) مەقسەتدارلىققا لايىق ھادىسە ،دەيدىغان پەلسەپىۋى قاراش .

    ناتۇرالىزىم- بەدئى ئىجادىيەتتە نوقۇل تۇرمۇش ھادىسلىرىنى ئەكىس ئېتىش بىلەن چەكلەنگەن ئىجادىيەت خاھىشى .

    ناتۇرال پانتېئىزىم-پانتېئىزىمنىڭ تەڭرىنى تەبىئەت بويىچە ئىزاھلايدىغان شەكلى ،ئەبۇ نەسىر فارابى، ئىبىن سىنا ناتۇرال پانتېئىزىمنىڭ كۆرۈنگەن ۋەكىلى .

    نېگىلىزىم- مەدەنىيەت ،خۇسۇسىيەت مىللى مەدىنىيەتنى ئىنكار قىلىدىغان قاراش .

    ئونتولوگىيە-پەلسەپەدەمەدىنىيەتنى،ئەسلى زاتىنى، ئەسلىدىكىنى تەتقىق قىلىدىغان ساھە .

    ئۇنتىلىتارىزىم- ىۇسۇسىغا مەنپەتدارلىق قارشى .

    ئۈچ ئۆلچەملىك- ئىگىزلىك ، كەڭلىك ، ئۇزۇنلۇقتىن ئىبارەت بوشلۇق،كوبىكلىق ماكان .

    پاتېئىزىم-پەلسەپە تارىخىدىكى بىرخىل بىلىش شەكلى –تەڭرى بىلەن تەبىئەتنى بىرگەۋدە قىلىپ ئىزاھلايدىغان سېستىما .

    پاترىئارخات- ئاتا ئۇرۇقى تۈزۈمى .

    پرومىتى-قەدىمقى گېرىك ئەپسانىلىرىدىكى زىۋىسقا ئىسيان كۆتۈرگەن ئىنسان قەھرىمانى.

    پىساكۇ- ھازىرقى زامان فىرانسۇز رەسسامى .

    پوتېنسىئال- يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرغان ئىقتىدار كۈچ .

    فوتورىزىم- سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى كەلگۈسىشۇناسلىق قاراشلىرىغا تايانغان بىر خىل ئېقىم .

    فېنومونولوگىيە-روشەن ھادىسىلەر ئىلمى.

    راتسىئونالىزىم- ئەقىلچىلىك،راتسىئۇنالىزىم ئىككى مەنىدە ئىپادىلىنىدۇ . بىرى ئومۇمەن ئىنسان ئەقلى ئىقتىدارىنى قەدىرلەپ، نادانلىققا قارشى تۇرۇش. يەنە بىرى، بىلىش نەزىريىسىدە ئەقلىمۇھاكىمىنىڭ رولىنى ئاشۇرۇش،ھىسسى بىلىش رولىنى كېمەيتىش .

    رېنىسسانىس- ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشى .

    سوفىستىكا- مۇنازىرىدىكى ھىيلىگەرلىك،پەلسەپىۋى مۇھاكىمىدىكى ئاداشتۇرغۇچى ئۇسۇل .

    سىنوسىئونالىزىم- پەلسەپەدە تۇيغۇ ئەزالىرىنىڭ بىلىشتىكى رولىنى مۇتلەقلەشتۈرىدىغان قاراش .

    سىنكىرتىك- مەدەنىيەتتىكى ئارلاشما ھادىسە.

    سىسۋىلىزاتسىيە-ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇشقا قارىتىلغان مەنىۋى مەدىنىيىتى .

    سۇبيېكىت-ئىنسان- ئىنساننىڭ بىلىش جەريانى،ئىنساننىڭ ئىنكاس جەريانى .

    سۈررىيالىزىم- رىيالىزىمدىن ھالقىغان دەپ ئاتىلىدىغان ئىجادىيەت ئېقىمى .

    سوبىستانسىيە- ئەسلى زات(جەۋھەر). شەيئىنىڭ مۇستەقىل ئۆزلىگى، ئۆزىگە يۈلەنگەن مەۋجۇتلىغى .

    تىرئادا- گېگىل پەلسەپەسىدە مۇتلەق روھنىڭ تىزىس-ئانتى، تىزىس-سېتىزدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچلۇق تەرەققىيات قارىشى .

    دائىم ئۇچرايدىغان بەزىدە ئاڭلاپ نىمىلىگىنى چۈشۈنۈپ بولالمايدىغان يوقارقىدەك ئاتالغۇلار ھەققىدە كۆپلىرىمىز ئانچە تولۇق ئىزاھاتىنى بىلىپ كەتمەيمىز ، مەن شۇلارنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئىزاھاتلارنى يىغىپ قويۇشنى ئويلاپ ھەممىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يۆتكەپ قويدۇم ياردىمى بولسا ئەجەپ ئەمەس .


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.