خاسىيەت بۈۋى تۇرسۇن 1944-يىلى غۇلجا شەھىرى قورغاس ناھىيسىنىڭ تەلكە تاغ باغرىغا جايلاشقان لوسگۇڭ بازىرىدا دېھقان ئائىلىىسدە تۇغۇلغان بولۇپ ،كىچىك ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا شېئىر ، نەسىرلەرنى ئۇقۇپ ، ئۆزىدە تۇغما بار بولغان شائىرلىق تالانتىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە بىلدۈرگەن ئىدى .
خاسىيەت خانىم تۇلۇقسىز 2-يىللىقتا ئۇقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە ئاپىسىنىڭ ئاغىرىقى سەۋەپلىك كۆپىنچە ھاللاردا مەكتەپكىمۇ بارالمىغان ، لېكىن جاپالىق شارائىتلاردىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ تېببىي مەكتەپكە ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئاپىسىنى بېقىش ۋە قېيىنچىلىق سەۋەبى ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇرۇلماي تۇرمۇش يولىغا قەدەم قويقان .
ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمىغان خاسىيەت خانىم سەيپۇڭچىلىق ھۈنىرىنى پۇختا ئۆگەنگەن ھەم لوسگۇڭ بازىرىدا بىر كېيىم تىكىش كارخانىسى ئاچقان .
30يىللىق كارخانا ئېچىش داۋامىدا نۇرغۇنلىغان شاگىرتلارنى تەربىيلەپ ئۇلارغا چىقىش يۇلى ئېچىپ بەرگەن ، لوسگۇڭ بازىرىدىكى خانىم - قىزلارغا ناھايتى ئىسىل يارىشىملىق كېيىملەرنى تىكىپ ئۇلارنى رازى قىلىپ كەلگەن .
خاسىيەت خانىم يەتتە پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ باللىرىنى ناھايتى ياخشى تەربىيلەپ ، ئۇلارنى جەمىىيەتكە ياراملىق ، ئائىلىسگە ۋاپادار ، مەسئۇلىيەتچان پەرزەنتلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرگەن .
خاسىيەت خانىم 2001-يىلى ئۈرۈمچىدىكى رەيھان قاسىم باشچىلىقىدىكى مېھرىبان ئانىلار كوللىكتىۋىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ 2002-يىلى لوسگۇڭ بازىرىدا 17 نەپەر ئايال بىلەن مېھرىبان ئانىلار قۇشۇنىنى قۇرغان ، بۇ 17 ئانا دەسلەپكى قەدەمدە ئەتىراپىدىكى يېتىم - يېسىر ئۇقۇغۇچىلارنى ئۇقۇتۇشتىن باشلىغان ، ئۇلارنىڭ ئۇقۇش پۇلى ، كىتاپ ماتىريال پۇللىرى ، تۇرمۇش خىراجەتلىرىن كۆتۈرگەن . بۇ 17 ئانىنىڭ ئىش -پائالىيەتلىرىدىن تەسىرلەنگەن لوسگۇڭ بازىرىدىكى بەش مىللەتتىن ( ئۇيغۇر ، قازاق ، خەنزۇ ، خۇيزۇ ، قىرغىز ) تەركىپ تاپقان ئانىلار كۆپىيىپ 300 دىن ئاشتى ، باشقا يېزا -بازارلاردىكى ئانىلارمۇ بۇلاردىن تەسىرلىنىپ بۇ كوللىكتىپقا ئەزا بولۇپ كۈندىن -كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىدى .
خاسىيەت بۈۋى تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى مېھرىبان ئانىلار پۈتۈن غۇلجا شەھىرىدىكى ناھىيە - بازارلاردا زورىيىپ نەچچە مىڭدىن ئاشتى .
مېھرىبان ئانىلار ئۆز ناھىيلىرى ۋە يېزىلىرىدىكى قېيىنچىلىقتا قالغان ھەر مىللەت باللىرىنى ئۇقۇتقان ، ھەر يىلدىكى نۇرۇز بايرىمى ، بالىلار بايراملىرىدا بالىلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ ئۇلارغا ئانىلىق مېھرى بەرگەن ، مېھرىبان ئانلار ياشانغان ئاجىز ، يۆلەنچۈكى يوق ئاتا -ئانىلارنىڭمۇ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ، ھېيىت -ئايەم كۈنلىرى يوقلاپ ئۇلارغا يالغۇزلۇقنى ، غېرىپلىقنى بىلدۈرمىگەن ھەم ماددىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن .
ناھىيە ۋە بازارلادىكى ئاياللارغا قانداق ئانا ، قانداق ئايال بۇلۇش تەربىيىسىنى بېرىپ نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشنىڭ ، پەرزەنىتلىرىنىڭ يىتىم قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغان .
خاسىيەت خانىم 2011-يىلى ئۈرۈمچىدىكى مېھرىبان ئانىلار كوللىكتىۋىي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا قاتنىشىپ نەق مەيداندا شېئىر يېزىپ ، بارلىق ئانىلارنى تەسىرلەندۈرگەن ھەم قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن .
خاسىيەت خانىم مېھرىبان ئانىلار كوللىكتىۋى قۇرغان 12 يىلدىن بۇيان نەچچە يۈز مىڭدىن ئارتۇق پۇلنى يۇقسىزلارغا ئىشلەتكەن ، بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن لوسگۇڭ بازىردىكى زىيالى ئەرلەرمۇ -ئاياللارمۇ بۇ سەپكە قۇشۇلۇپ ئۆز نۆۋىتىدە ساخاۋەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە ئېلىپ ماڭغان .

قۇرغاس ناھيسىدىمۇ ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىۋىي قۇرۇلۇپ ، ئانىلار بىلەن بىرلىكتە يوقسىزلارغا يۆلەك بولۇشتەك ئىسىل ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭغان .
خاسىيەت خانىم 2009-يىلى لوسگۇڭ بازارلىق ھەيئەتلەر گۇرۇپىسى بۇيچە ‹‹ مۇنەۋەر ئانا ›› ، 2011 -يىلى قورغاس ناھىيسى بۇيچە ‹‹ ئون مۇنەۋەر ئەخلاق نەمۇنچىسى ›› ، 2010-يىلى قۇرغاس ناھىيلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەرپىدىن ‹‹ مېھرىبان ئانا ›› ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋەر شەخس قاتارلىق شان - شەرەپلەرگە ئېرىشكەن .
يەر تەۋرىدى ، يەرگە قۇشۇلۇپ غۇلجا شەھىرى قۇرغاس ناھىيسىنىڭ تەلكە تاغ باغرىغا جايلاشقان لوسگۇڭ بازىرىمۇ تەڭ تەۋرىدى .
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:40 ئۆتكەندە تۇيۇقسىز كەلگەن ئەجەل بىزنى خاسىيەت بۈۋىدىن ۋاقىتسىز ئايرىدى ، پۈتۈن لوسگۇڭ بازىرى ، قۇرغاس ناھىيسى ، غۇلجا شەھىرى قاتتىق قايغۇغا چۆمۈلدى . نامازغا كەلگەن ئەر-ئايال ھەممەيلەن خاسىيەت خانىمنىڭ ئېسل ، مېھرىبان ، ئاق كۆڭۈل ، ساخاۋەتچى ، ئىجاتچان ، مەرىپەتۋەرگە چىدىمىدى . ئۇلار ئاۋازلىرىنى قۇيۇۋېتىپ يىغلىشىپ كەتتى ، جىنازا ئېلىپ مىڭلغاندا يەتتە ياشتىن ، يەتمىش ياشقىچە بولغان بارلىق ئەر زاتلىرى قىيماسلىق ئىلىكىدە جىنازىغا ئەگىشىپ مېڭىشتى .
يېڭى ياققان قاردىكى ئاچچىق سۇغۇققا قارىماي تۇپراق بېشىغىچە چىققان شۇ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار تارام -تاراملاپ ئاقماقتا ئىدى ،
70 ياش ئالتۇن ياش .
خاسىيەت بۈۋى خانىم 8-مارت ئاياللار بايرىمىغا پىلان تۈزۈپ چوڭ تىپتا پائالىيەت ئېلىپ بارماقچى بولغان ئىدى ، ئەپسۇس ........
بۇنى لوسگۇڭ بازىرىدىكى ئانىلا داۋاملاشتۇردۇ ، بۇنى غۇلجا شەھىرىدىكى مېھرىبان ئانىلار كوللىكتىۋىي داۋاملاشتۇردۇ ، بۇنى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مېھرىبان ئانىلار داۋاملاشتۇردۇ .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى رەيھان قاسىم باشچىلىقىدىكى بارلىق مېھرىبان ئانىلار خاسىيەت بۈۋىي خانىمغا چوڭقۇر قايغۇ -ھەسرىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ، قىلغان ياخشى ئىش -ئىزلىرىنى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ ئۆزىمىزگە ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىپ تىكلەيمىز .
خاسىيەت بۈۋىي خانىم ئاللاھ ياتقان يېرىڭىزنى جەننەتتىن قىلغاي ! ئائىلىڭىزدىكى يولدىشىڭىز ۋە يەتتە پەرزەنتڭىزگە ، لوسگۇڭ بازىردىكى خاسىيەت بۈۋىي سۆيگەن ، ھۆرمەتلىگەن ، قەدىرلىگەن بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا سەۋىر ئاتا قىلغاي ، ئامىن !
شىنجاڭدىكى مېھرىبان ئانىلارنىڭ قۇرغۇچىسى رەيھان قاسىم باشچىلىقىدىكى بارلىق ئانىلاردىن .
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
خاتىرە سۈرەتلەر