ياۋروپا تىلغا ئېلىنغاندا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇنى ‹‹رومانتىك›› دېگەن بۇ سۆزگە باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. ھالبۇكى دۇنياغا مەشھۇر ئاشۇ شەھەرلەردىن سىرت، ياۋروپادا يەنە نۇرغۇن گۈزەل كىچىك يېزا-بازارلار بار، ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولۇپ، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مەشھۇر شەھەرلەردىن قىلچە قېلىشمايدۇ. ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، قويۇق ياۋروپاچە پۇرىقى، ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن خالىي تىپتىنچ مۇھىتى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.