ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 14-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدىكى فوتوگراف دان كۇللېر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۇخلاۋاتقان ئاجايىپ ئوماق ھالىتىنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ سۈرەتكە تارتقان. شېرىن ئۇيقۇدىكى بوۋاقلارنىڭ ھەر خىل قىياپەتلىرى ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. فوتوگراف: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئەسلىدىمۇ ئوماق كېلىدۇ، ئۇلار بۇنداق كىچىك چىغىدا كۆپ ھەرىكەت قىلالمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ شېرىن ئۇخلاۋاتقان ھالىتىنى سۈرەتكە تارتىش ئاسان ۋە بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى.