كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق ئۇيغۇر رىياسەتچىسى - نىغمەت راھمان 1983-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان.
ئۇ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى.
ئاخبارات ئۇنۋىرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 2006-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئقىتىساد قانىلىغا تەقسىم قىلىنىپ ئىشلەيدۇ.
2012-يىلى «جاراڭلىق ئەكس سادا» پروگراممىسى قاتارلىق بىر قاتار پروگراممىلارغا رىياسەتچىلىك قىلىپ زور ئالقىشقا ئېرىشىدۇ.
2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى داڭلىق پروگرامما «قۇتلۇق ئىشىكنى ئېچىش»غا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ياخشى باھالارغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ھەر يىللىق بايراملىق سەنئەت كېچىلىكلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
2015-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى «مېھرىبان ئانىلار پىلانى»نىڭ ئوبراز ئەلچىسى بولدى.
تۇرمۇش ئىشىغا كەلسەك ئۇ 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى توي قىلدى.