ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  رەسىملەر  »  چولپانلار رەسىملىرى

يېڭى قوشۇلغانلىرى

  • دونالد تىرامپنى
  • ھىلارى كىلىنتون
  • جاپپار قېيۇمنىڭ
  • چېن چۈەنگونىڭ تە
  • ئىسلام كەرىموۋن
  • ئوبۇل ھەسەن روزى

بىكەت تەۋسىيسى

  • ئېسىل تارتىلغان
  • ماھىنۇر ھاجى ياق
  • ئابلىكىم ئابدۇر
  • ئەخمەد نىجاد
  • جاڭ چۈنشيەن
  • نۇر بەكرى
 

چولپانلار رەسىملىرى

‏رافەت ئەل روماننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ۋاقتى : 2014-01-12  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراقكۆرۈلىشى : قېتىم

25.jpg

 

‏رافەت ئەل رومان Rafet El Roman
‏تۇغۇلغان ۋاقتى: 1968-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى
‏تۇغۇلغان يېرى: تۈركىيە ئەدىرنە
‏كەسپى: ناخشىچى، كىنو ئارتىسى



‏1970- يىلى ئائىلىسى گىرمانىيەگە ئىشچى بولۇپ كەتكەن ۋاقىتتا، يەتتە يىشىغىچە ئوزۇنكۆپرۈ ئۆمەربەي يىزىسىدا چوڭ ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرغان. باشلانغۇچ بىرىنچى سىنىپنى يىزىدا ئوقىغاندىن كېيىن گىرمانىيەگە ئائىلىسىنىڭ يېنىغا كەتكەن. ئوقۇشنى گىرمانىيەدە تۈگەتكەن رافەت ئەل رومان 16 يىشىدىن باشلاپلا ناخشا يىزىشقا باشلىغان.
‏1988- يىلى تۇنجى سەھنە ھاياتى باشلانغان. 1992- يىلى گىرمانىيە Rundfunk رادىئوسى تەرىپىدىن شۇ يىلقى ئەڭ تالانتلىق ناخشىچى بولۇپ باھالانغان. 1994- يىلى فىرانكفورت مەدەنىيەت فىستىۋالىدا ئاخبارات - سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1995- يىلى تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ تۇنجى ناخشا پىلاستىنكىسىنى چىقارغان. «ياشلىقنىڭ كۆز ياشلىرى» ناملىق پىلاستىنكىسى بىر مىليون دانىدىن ئارتۇق سېتىلغان. 1997- يىلى «ئەڭ گۈزەل كۈنلەر سېنىڭ بولسۇن» ناملىق پىلاستىنكىسىنى نەشىر قىلدۇرغان.
‏1998- يىلى ياۋروپادا تۇنجى پىلاستىنكىسىنى نەشىر قىلدۇرغان. يەنە شۇ يىلى كەمال سۇنال (شابان)، مەتىن ئاكپىنار قاتارلىق ئۇستا ئاكتىيورلار بىلەن بىرلىكتە Proganda فىلىمىدە باش رول ئالغان. 1999- يىلى «ھايات ھەسرەتلىك» ناملىق ئۈچىنچى پىلاستىنكىسىنى نەشىر قىلدۇرغان. 2000- يىلىدا رافەت ئەل رومان ئۇستا كومىدىيە ئەرتىسى مەھمەت ئالى ئەربىل بىلەن 2000- يىلى ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە تۈركىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسى ئۈچۈن ئۆزى يازغان «يەنە بىرتوپ ئۇر» ناملىق ناخشىسىنى ئېيىتقان.
‏رافەت ئەل رومان يەنە 2000- يىلىدا RER MUSIC ناملىق پىلاستىنكا شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىپ مۇزىكا سەھنىسىگە يىڭى ۋە ياش ناخشىچىلارنى يىتىشتۈرۈشكە باشلىغان. شۇ يىلى يەنە ئۆزى يىزىپ چىققان «ئىزىڭدىمەن» ناملىق ناخشىنى ئاشقىن نۇريەڭگە بىلەن بىللە ئېيىتتى. يەنە شۇ يىلى Hanimeli ناملىق تۆتىنچى پىلاستىنكىسىنى چىقاردى. 2002- يىلى 5 NR aşk ناملىق بەشىنچى پىلاستىنكىسىنى چىقارغان. 2004- يىلى «سۈرگۈن» ناملىق پىلاستىنكىسىنى چىقارغان ۋە 730 مىڭدىن ئارتۇق سېتىلغان ھەمدە شۇ يىلدىكى ئەڭ ياخشى كۆرۈلگەن پىلاستىنكا بولۇپ باھالانغان. 2005- يىلى «قەلبىمنىڭ سۇلتانى» ناملىق پىلاستىنكىسىنى ئۆزىنىڭ ئون يىللىق سەنئەت ھاياتى خاتىرە يىلىغا ئاتاپ ناخشا مەستانىلىرىغا سوۋغا قىلغان. بۇ ناخشا بىرىنچى ھەپتىسىدىلا ناخشىلار رەت تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. مەزكۇر پىلاستىنكا 690 مىڭدىن ئارتۇق سېتىلىپ مۇياپ تەرىپىدىن «يىللىق ئەڭ كۆپ سېتىلغان پىلاستىنكا»، «ئالتۇن كېپىنەك»، «Popsav» ۋە «يىللىق ئەڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك زامانىۋى ئۇسلۇب ناخشىچىسى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
‏ 2006- يىلى «كۆڭۈل يارىسى» ناملىق پىلاستىنكىسى بىلەن مۇۋاپپىقىيىتىنى داۋاملاشتۇردى ۋە Muyap تەرىپىدىن «ئالتۇن مۇكاپات» تىغا ئېرىشتى. 2008- يىلى يەنە «بىر رومان كەبى» ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىنى نەشىر قىلدۇردى. بۇ پىلاستىنكىدا يۈسۈف گۈنەي بىلەن بىرلىكتە ئېيىتقان «ۋەيرانە ئاشىق» ناملىق ناخشا تور بەتتىن بىرمىليون 270 مىڭدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلگەن ۋە مەزكۇر ناخشىنىڭ MTV سى Kral TV مۇزىكا مۇكاپاتلىرى تەرىپىدىن «يىللىق ئەڭ ياخشى ناخشىچى» بولۇپ باھالانغان. 2011- يىلى « مۇھەببەتكە ۋاقىت بەرگىن» ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىنى نەشىر قىلدۇرغان. ئەڭ يىڭى ناخشا پىلاستىنكىسى بولغان «يادىكار» ناملىق پىلاستىنكا 2013- يىلى 4- ئايدا نەشىردىن چىقتى ۋە تۈركىيە ناخشا رەت تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.
 
يىقىن كەلگۈسىدە يەنى 2014- يىلى 2- ئاينىڭ 8- كۈنى رافەت ئەل رومان ئەپەندىم ئۈرۈمچىدە خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ نەق مەيدان ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزمەكچى. كېچىلىككە ezu (ئەزەربەيجان ئايال ناخشىچىسى) مۇ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ.  بىز بىر قاتار تىرىشچانلىقلار ۋە مەدەنىيەت تارماقلىرى، تاشقى ئىشلار بۆلۈملىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا رافەت ئەل رومان ئەپەندىمنى ئاخىرى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۈرۈمچىدە ئويۇن قويۇشقا تەكلىپ ئەتتۇق. تۈركىيە ناخشا سەھنىسىدىكى بۇ ئېغىر دەرىجىلىق ناخشا چولپىنىنىڭ ناخشىلىرىنى نەق مەيداندىن ئاڭلاش ھەقىقەتەن ئەرزىگۈدەك ئىش. دوستلارغا ئالاھىدە تەۋىسيە قىلىمىز! 

(بوتام)

‏رافەت ئەل روماننىڭ مۇڭ ناخشىسى ھوزۇرۇڭلاردا  !

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240-13999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا