ئىسكەندەر سەمەتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
تالانتلىق ياش ناخشىچى ،كومپوزىتور ۋە شائىر ئىسكەندەر سەمەت 1971-يىلى 23-ئۆكتەبىردە، قومۇل شەھەر ئىچى يېزا ئالتۇنلۇغۇم مەھەللىسىدە بىلىم خۇمار، مەرىپەتپەرۋەر بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان.
ئۇ ئالتە يېشىدىن باشلاپلا ئۆزىدىكى تۇغما تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىچىك بوۋىسى ئابدۇقادىر ئىشاندىن تەمبۇر چېلىشنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن.
ئىسكەندەر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا شېئىر ئىجاد قىلىشقا باشلىغان. مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرىدە كىچىككىنە تەمبۇرىنى ئېلىپ سەھنىلەرگە دادىللىق بىلەن چىقىپ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان مۇزىكىلارنى ئورۇنلاپ، كىشىلەر تەرپىدىن‹‹ بالا سەنئەتچى ›› دەپ نام ئالغان.
13 ياش ۋاقتىدا تۇنجى ئەسىرى ‹‹مەستنىڭ ئاقىۋىتى››ناملىق ئىككى كىشلىك لەپەر ئىجاد قىلىپ ،مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇراخمان ئابدۇللانىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ لەپەرنى مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك مەدەنىيەت- سەنئەت پائالىيەتلىرىدە سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ ئورۇنلاپ مەكتەپلەردىكى ئۇستازلارنىڭ ۋە ساۋاغداشلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
1986-يىلى تېخى ئەمدىلا 15 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئىسكەندەر ،شىنجاڭ سەنئەت مەكتىۋىنىڭ مىللى ئوركىستىر نىشانلىق تەربىيلەش سىنپىغا مۇۋاپىقىقيەتلىك قوبۇل قىلىنىپ، ئۆز ھاياتىدىكى غايىسى ۋە ئارزۇسى سەنئەتكار بولۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان.
ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا بىر تەرەپتىن كەسىپنى تىرىشىپ ئۆگەنسە يەنە بىر تەرەپتىن شېئىر ۋە مۇزىكا ئىجادىيتى بىلەن شوغۇللىنىشقا باشلىغان.
شۇ يىللاردا ‹‹خوش ئانا››، ‹‹سەككىزكارۋات، بىر ياتاق››،‹‹تاماق ھەققىدە قوشاق››،> ‹‹ئۇنۇتما››،‹‹ئانىلارنىڭ مېھرى بىر دەريا››،‹‹جان ئانا››ناملىق ناخشىلىرىنى ئىجاد قىلغان.
1990-يىلى بۇ تالانىتلىق ياش نوتا ئوقۇشنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن تاماملاپ، شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىغا تەقسىم قىلىنغان.
1991-يىلى 20 يېشىدا پۈتكۈل شىنجاڭ خەلقىنىڭ، بارلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ئۆلمەس ئەسىرى ‹‹ئايرىلىش مىنۇتلىرىنى›› ئىجاد قىلىپ،شۇ يىلى كۈزدە بۇ ناخشىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆز ئىجادىي ئىجراسىدىكى تۇنجى ناخشا لېنتىسىنى بازارغا سالغان، ناخشا لىنتىسى بازارغا سېلىنىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە دېگۈدەك كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.
1992- يىلى ئىككىنچى ئىجادىي ناخشا لېنتىسىنى بازارغا سالغان. ھەم مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ‹‹ياشلار زامانىۋى مۇزىكا ئەترىتى››نى تەشكىللەشكە قاتنىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەردە قويۇلغان سەييارە ئويۇنلاردا ، تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ھەم ئەڭ كۆپ تەلەپ قىلىدىغان ناخشا چولپىنىغا ئايلانغان.
1993-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى قاتناش ھادىسسى سەۋەبىدىن سول پۇتى ئېغىر يارىلىنىپ، ئۈرۈمچىدە داۋاملىق خىزمەت قىلىشقا ئامالسىز قالغان. شۇ يىلى 9- ئايدا قومۇل دارىل مۇئەللىمىنگە يۆتكۈلۈپ كېلىپ، مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئىسكەندەرنىڭ قومۇلغا يۆتكۈلۈپ كېلىشى ئۇنىڭ قومۇل مۇقاملىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئۆگۈنىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان
1994-يىل قومۇل خەلق ناخشىلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ئىجادى ناخشىلىرى كىرگۈزۈلگەن تۇنجى قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى ‹‹ئۇيغۇر ئوغلىمەن›› نەشىردىن چىققان ۋە جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭغا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۈزۈلمەي ياخشى تېلەكلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان تەشەككۈر، ئاپرىنلار بىلەن تويۇنغان خەتلەر كېلىشكە باشلىغان.
شۇ يىلى يەنە ‹‹سەرسان يەكشەنبە›› ناملىق ئىجادى لېنتىسى نەشىردىن چىققان.
1995-يىلى، ئىجادى ئىجراسىدىكى ‹‹ئايرىلىش مىنۇتلىرى›› بىلەن،قومۇل مۇقام مەشرەپلىرى كىرگۈزۈلۈپ ئېلىكتىرونلۇق چالغۇلار تەڭكەش قىلىنغان ‹‹شەرق ناۋاسى››،‹‹ئۆلمەس كۈيلەر-ئۈزۈلمەس كۈلكىلەر ››> كەينى -كەينىدىن تەڭلا بازارغا سېلىندى.
كىلاسىك قومۇل مۇقاملىرىنى ئاساس قىلىپ ئىشلەنگەن ‹‹شەرق ناۋاسى›› پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەممە بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە تارقىلىپلا قالماي،مەملىكىتمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغىمۇ تارقىلىشق باشلىدى. ھەم جەمىيەتتە بىر مەيدان قومۇل، قومۇل مۇقاملىرى قىزغىنلىقىنىڭ قوزغۇلىشىغا سەۋەبكار بولغان.
1996 يىلى‹‹ تۇنجى مۇھەببەت ›› ناملىق ئىجادىي لېنتىسى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن،شۇ يىللاردا تارقىلىشى ۋە سېتىلىشى سانى جەھەتتە شىنجاڭدا ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتتى. تاكى ھازىرغىچە توختىماي نەشىر قىلىنماقتا.
1996-يىلى‹‹قومۇل بوستانلىقىدا بەزمە›› ناملىق بەدىئى فىلىمدە ئىسكەندەر ‹‹بىز تۇغۇلغان سۆيۈملۈك ماكان››،‹‹جان ئانا›› قاتارلىق ئىجادى ناخشىلىرىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ ئۆزىدىكى ھەقىقى تالانىتنى ئۆز سۆيۈملۈك خەلقىنىڭ، ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالدىدا يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلغان.
شۇنىڭدىن كېيىن رادىئو ۋە تېلۋىزور ئېكرانلىرىدا ئۇ ئورۇنلىغان‹‹سايراڭ بۇلبۇلۇم››،‹‹شېرىن جانلار ئايلانسۇن››،‹‹ساماۋەر››،‹‹لىقشىپ ئاغرىيدۇ يۈرەك››،‹‹ئۆرگۈلدى پەلەك››،‹‹ئانارخان يارىم دوست›› قاتارلىق بىر يۈرۈش خەلق ناخشىلىرى كەينى -كەينىدىن ئېلان قىلىندى.
1997-يىلى شىنجاڭدىكى نادىر ئىجادى ناخشىلاردىن تۈزۈلگەن توپلام <<تارىم>> ناملىق ۋ س د پىلاستىنكىسىغا ئىسكەندەرسەمەتنىڭ ‹‹ئايرىلىش مىنۇتلىرى›› ناملىق ئىجادىي ناخشىسى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.
1997-يىلى‹‹باھارىم››ناملىق ناخشا لېنتىسىنى، 1998-يىلى ‹‹تۇغۇلغان ماكان›› ناملىق ناخشا لېنتىسىنى ئىشلەپ تارقاتقان.
2000-يىلى 1-ئايدا ئىسكەندەرسەمەت ئۈرۈمچى خەلىق تىياتىرىدا يىڭى يىللىق ناخشا كېچىلىگى ئۆتكۈزۈپ ،شۇ كېچىلىكتە سۈرەتكە ئېلىنغان ‹‹يېڭى ئەسىر سوۋغىسى ››،‹‹سۆيۈملۈك دوستلار››قاتارلىق ۋ س د پىلاستىنكىلىرىنى ئىشلەپ،خەلىقنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
ئىسكەندەرنىڭ مۇزىكا ئىجادىيتىدىكى ئۆزگۈچىلىكى ۋە ئۆز ئەمگىكى ۋە ئەقلى تالانتى بىلەن ياراتقان ئەسەرلىرى ھەققىدە‹‹شىنجاڭ گېزىتى››،‹‹قومۇل ئەدەبىياتى ››ژورنىلى،‹‹شىنجاڭ سەنئىتى››ژورنىلى، ‹‹تەغدىرداش›› ژورنىلى، ‹‹قومۇل گېزىتى›› قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا مىجىت ناسىر، مۇھەممەتجان راشىدىن،سەمەت ئابدۇراخمان قۇچىغۇن، ئۆمەرجان سىدىق، ئايجامال گاسىل،رىسالەت مەردان ،ھاۋاگۈل قاسىم قاتارلىق يازغۇچى شائىرلار كەينى كەينىدىن ماقالە ۋە شېئىرلارنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەرگەن.
شىنجاڭ تېلۋىزىيىسى ئۇيغۇرچە مەدىنيەت-سەنئەت قانىلى ،‹‹ تەڭرىتاغ كۈيلىرى ›› نىڭ تۇنجى سانىدا ئىسكەندەر سەمەتنى مەخسۇس زىيارەت قىلغان‹‹تۇنجى قەدەم››پىروگىراممىسى كۆرسىتىلىپ ئۇنىڭ ‹‹ئايرىلىش مىنۇتلىرى›› دىگەن ناخشىسىنىڭ ئىجاد بولۇش تارىخىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى تونۇشتۇرۇلغان.
2006-يىلى ئىسكەندەر سەمەتنىڭ شانلىق ئىجادىيەت ھاياتى ئەڭ زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىسىغا ئايلانغان تور دۇنياسىدىكى چاقناۋاتقان يۇلتۇز‹‹چوغلان مۇنبىرى››دە تونۇشتۇرۇلغان.
يەنى 2006-يىلى 10-ئاينىڭ1-كۈنى ئاراتۈرك ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرىتىغا داڭقى كەتكەن چولپانلار قاتارىدا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئەل سۆيگەن ناخشىلىرىنى ھەم شۇ قېتىملىق مەشرەپكە ئاتاپ ئۆزى ئىجاد قىلغان ‹‹ئاراتۈرك››دېگەن ناخشىسىنى ئېيتىپ مەشرەپنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئاراتۈرك خەلقى بۇ مۇنەۋەر پەرزەنىتكە ئۈزۈلمەس ئالقىش ۋە ياخشى تېلەكلىرىنى تەسىرلىك كۆز ياشلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ سوۋغا قىلدى.
2007-يىلى ئىسكەندەر سەمەت شىنجاڭدىكى داڭلىق چولپانلار قاتارىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بىلەن شىنجاڭ ئۈن- سىن نەشىرياتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ‹‹بىزنىڭ ناخشىمىز›› ناملىق نادىر خەلق ناخشىلىرى سەنئەت كېچىلىكىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. شۇ يىلى يەنە شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانىسسى ئونۋىرسال قانىلى ‹‹سەنئەت گۈلزارى پىروگىراممىسى ›› نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.
2006-يىلىدىن 2008-يىلى 11-ئايغىچە، قومۇل ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكىدە تەكلىپ بىلەن ئىشلىگەن ھەم بۇ جەرياندا،قومۇل مۇقاملىرىنىڭ قايتىدىن رەتلىنىپ ئاۋازغا ئېلىنىش خىزمىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ ،ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتىنى تولۇق نامايەن قىلغان.
ئىسكەندەر سەمەت ئۆزىنىڭ نادىر ئىجادىيەتلىرىنى يېقىملىق ھەم سۈزۈك ئاۋازى بىلەن خەلىققە تەقدىم ئېتىپلا قالماي، مۇقام ۋە ئۇنتۇلىۋاتقان خەلق ناخشىلىرىنى قېزىش ھەم زامانىۋى چالغۇلار بىلەن ئورۇنلاشتا يېڭى بىر تارىخى مۇساپىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بولۇپ قالدى.
تالانىتلىق ياش شائىر ،تونۇلغان ناخشا چولپىنى ھەم كومپوزىتور ئىسكەندەر سەمەت ھازىرغا قەدەر تور بەت ۋە ھەر خىل ژانىردىكى مەتبۇئاتلاردا شېئىر ۋە ئەدەبى خاتىرىلەرنى ئېلان قىلغاندىن سىرت،80دىن ئارتۇق تۈرلۈك ژانىردىكى ناخشىنىڭ سۆزى ۋە مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىجاد قىلىپ جەمىيەتكە سۇندى.‹‹ئۇيغۇر ئوغلىمەن››،‹‹سەرسان يەكشەنبە››،‹‹ئايرىلىش مىنۇتلىرى››،‹‹شەرق ناۋاسى››،‹‹ئۆلمەس كۈيلەر-ئۈزۈلمەس كۈلكىلەر››،‹‹تۇنجى مۇھەببەت››،‹‹تۇغۇلغان ماكان››، ‹‹باھارىم››،‹‹يېڭى ئەسىر سوۋغىسى››،‹‹ سۆيۈملۈك دوستلار››،‹‹ئانا يۇرت›› قاتارلىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى ھەم ۋ س د پىلاستىنكىلىرىنى چىقىرىپ ، ئۆزى يېزىپ، ئۆزى مۇزىكا ئىشلەپ،ئۆزى كىرىشتۈرۈپ،ئۆزى ئورۇنلاشتەك كۆپ قىرلىق تالانتىنى نامايەن قىلدى. بۇنداق ھەر تەرەپلىمە مۇكەممەل ئىقتىدار يېتىلدۈرگەن ناخشا چولپىنى ئارىمىزدا كەمدىن-كەم ئۇچىرايدۇ. ئۇ مۇشۇ قىسقىغىنە ئەمما شانلىق ئىزلارنى قالدۇرۇغان شەرەپلىك ئىجادىيەت ھايتىدا ئۆزىگە خاس كەسپىي ئىستىلنى يىتىلدۈرگەن بولۇپ، ئىجادىيەت ۋە ئورۇنلاش جەريانىدا ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى ئورۇنلايدىغان ئىشلارنى سادىر قىلىپ باقمىدى. لېكىن، ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى باشقا ياش ناخشىچىلار ۋە ناخشا چولپانلىرى ياقتۇرۇپ ئورۇنلاپ كەلمەكتە.
ئۇ ھازىر ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغاچ قومۇل ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقاملىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىجادىيەت ئىشلىرى توختاۋىسىز داۋاملاشتۇرماقتا...