ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  رەسىملەر  »  چولپانلار رەسىملىرى

يېڭى قوشۇلغانلىرى

  • دونالد تىرامپنى
  • ھىلارى كىلىنتون
  • جاپپار قېيۇمنىڭ
  • چېن چۈەنگونىڭ تە
  • ئىسلام كەرىموۋن
  • ئوبۇل ھەسەن روزى

بىكەت تەۋسىيسى

  • ئېسىل تارتىلغان
  • ماھىنۇر ھاجى ياق
  • ئابلىكىم ئابدۇر
  • ئەخمەد نىجاد
  • جاڭ چۈنشيەن
  • نۇر بەكرى
 

چولپانلار رەسىملىرى

ئابلەت مىجىت تەلبانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ۋاقتى : 2014-01-04  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراقكۆرۈلىشى : قېتىم

ئابلەت مىجىت تەلبانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

21.jpg

شىنجاڭ «تەلبا» كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئابلەت مىجىت تەلبا مۇرەككەپ بازار قاينىمىدا ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ يول ۋە يۈز تاپقان ياش مىللىي كارخانىچى.
1980 – يىلى كۇچا ناھىيەسىنىڭ خانقىتام يېزىسىدا تۇغۇلغان ئابلەت مىجىت ئائىلە ئىقتىسادى يار بەرمەسلىك سەۋەبىدىن ئاران باشلانغۇچ مەكتەپكىچىلا ئوقۇيالىغانىدى. 13 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ ئۆمرىنى بۇ چەت سەھرادا پادا بېقىپ، زەيكەشلىكنىڭ سۈيىنى ئىچىپ بىقوۋۇللۇقتا ئۆتكۈزۈۋېتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، مەكتەپتە ئوقۇمىسىمۇ بىرەر ھۈنەر – كەسىپنىڭ پېشىنى تۇتۇپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىنى قامداشقا بۇرۇنراق كۈچ چىقىرىشنى ئويلايدىغانلىقىنى دادىسىغا ئېيتتى. ئوغلىنىڭ يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى كۈچلۈك غەيرەت – شىجائەت دادىسى مىجىت باققازنى قايىل قىلدى بولغاي، 1992 – يىلى ئۇ قوشنا كەنتتىكى بىر تىككۈچى ئۇستامغا شاگىرتلىققا كىردى، تىرىشپ ئۆگىنىپ بۇ كەسىپنىڭ ئەلمى – تەلمىنى ئانچە – مۇنچە چۈشەنگەندىن كېيىن، يەنى، 1997 – يىلى كۇچا ناھىيەسىگە كېلىپ بۇ كەسىپ بويىچە بىر يىل مەخسۇس تەربىيەلەندى، 1998 – يىلى ئۆز يېزىسىدا دۇكان ئېچىپ، يۇقىرى تېخنىكىسى، ئىجادىي پوسۇنلىرى ۋە سەمىمىيىتى بىلەن يىراق – يېقىندىكى خېرىدارلارنىڭ تاللىشىغا مۇيەسسەر بولدى. شۇ جەرياندا ئۇ ئۈرۈمچىگە بېرىپ شىنجاڭ مىللىي كىيىم – كېچەك تەتقىقات مەركىزىدە ئوقۇدى ۋە كۇچا ناھىيەسىدە مۇشۇنداق بىر مەكتەپنى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ، 2001 – يىل 10 – ئايدا كۇچا ناھىيە بازىرىدا 600 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر جاينى ئىجارىگە ئېلىپ، «تەلبا» كىيىم – كېچەك لايىھەلەش، تىكىش، تەربىيەلەش مەكتىپىنى قۇردى، 2004 – يىلى شاڭخەي شەرقىي جۇڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا كومپيۇتېردا كىيىم لايىھەلەش بويىچە سىستېمىلىق تەربىيەلەندى، 2007 – يىلى مەكتىپىنى شىركەت ھالىتىدە مەركىزىي شەھەر _____ ئۈرۈمچىگە ماكانلاشتۇرۇپ، يىلسېرى روناق تاپتى، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش، جاپالىق ئىزدىنىش بەدىلىگە مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بازار رىقابىتىدە ئوزۇپ چىقىپ، يىراق سەھرادىكى بىر پادىچىدىن يۇرت ئاتلاپ يۈز تاپقان، مىليونلاپ پۇل تاپقان ياش مىللىي كارخانىچىغا ئايلاندى.
«تىرىشقان تاپار، تاشقا مىخ قاقار» دېگەندەك ئابلەت تەلبا باسقان ھەر بىر قەدىمىنىڭ نەتىجىسىنى، ئاققۇزغان ھەر بىر تېرىنىڭ مېھنىتىنى كۆرۈپ ماڭدى. 2007 – يىلى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىيىم – كېچەكلىرىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتابىنى يېزىپ، شىنجاڭ پەن – تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇردى ۋە شۇ يىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆڭلەك ____ ئېگىزلىكى سەككىز مېتىر كېلىدىغان، 230 كىلوگرام پولات سىم ئىشلىتىلگەن ئەتلەس كۆڭلەكنى تىكىپ پۈتتۈرۈپ ئاۋامنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى؛ ھازىرغىچە ئۇ 30 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەپ، جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى مۇۋاپىق يەڭگىللەتتى؛ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 20 نەچچە ئورۇندا «تەلبا خانىم – قىزلار كىيىملىرى مەخسۇس دۇكىنى» نى ئېچىپ، ھۈنەر – تېخنىكىسىنى كەڭ كۆلەمدە بازارغا يۈزلەندۈردى؛ يۇرتىدىكى قىيىنچىلىقى بار مەسۇملارغا ۋە مارالبېشى قاتارلىق جايلاردىكى تەبىئەت ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلق ئاممىسىغا سېخىيلىق بىلەن ياردەم قولىنى سۇندى؛ «تەلبا» ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، قىلىۋاتقان كەسپىنىڭ شۆھرىتىنى يىلسېرى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىلگىرى – كېيىن «كۈسەندە باھار كىيىم – كېچەك كۆرگەزمىسى» قاتارلىق بىر قانچە قېتىملىق كۆرگەزمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ ۋە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك قول ھۈنەر – سەنئەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، ئەلگە ئۆگەنگەنلىرىدىن «ئىمتىھان» بەردى. ئۈزۈلمەس ئالقىش سادالىرى، «ئالاھىدە مەھسۇلات مۇكاپاتى»، «كوللېكتىپنىڭ خىزمىتىنى قوللىغان ياخشى دىرېكتور» قاتارلىق شان – شەرەپلەر ئەل - ئاۋامنىڭ ئۇنىڭ «ئىمتىھان قەغىزى» قويغان لىللا باھاسى بولدى.
كىچىكىدىن يېتىلگەن جاپادىن قورقماس ئىرادە، يېڭىلىققا ئىنتىلىش روھى ئابلەت مىجىتنى بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ئىختىساس ئىگىسى قىلىپ تەربىيەلەپ چىقتى. ئۇ كىيىم – كېچەك ساھەسىدە شۆھرەت قازىنىش بىلەن بىرگە، «كۆپ ئىقتىدارلىق، توكلۇق ۋە توكسىز ئۇنىۋېرسال چاقچۇق دەزمال»، «بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل زىرائەتنى تەڭ سۇغۇرۇش ئۈسكۈنىسى» قاتارلىق بىرقانچە يېڭى كەشپىياتنى ئىجاد قىلىپ، دۆلەتنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى؛ ئۆزىدىكى تەبىئىي تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ، «يۈردۇڭ نەدە» قاتارلىق ئىككى ناخشا پىلاستىنكىسىنى نەشىر قىلدۇرۇپ ۋە چوڭ تىپتىكى «ئابلەت تەلبا ناخشا كېچىلىكى» نى ئۆتكۈزۈپ، يېقىملىق كۈيلىرى ئارقىلىق ئەل قەلبىگە ئارامبەخش تۇيغۇ ئاتا قىلدى.
شىجائەتلىك، كۆپ قىرلىق ئىقتىدارغا ئىگە بۇ ئوغلانىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھەر بىر قەدىمى خەيرلىك ھەم بەرىكەتلىك بولغۇسى!
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240-13999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا