ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  رەسىملەر  »  چولپانلار رەسىملىرى

يېڭى قوشۇلغانلىرى

  • دونالد تىرامپنى
  • ھىلارى كىلىنتون
  • جاپپار قېيۇمنىڭ
  • چېن چۈەنگونىڭ تە
  • ئىسلام كەرىموۋن
  • ئوبۇل ھەسەن روزى

بىكەت تەۋسىيسى

  • ئېسىل تارتىلغان
  • ماھىنۇر ھاجى ياق
  • ئابلىكىم ئابدۇر
  • ئەخمەد نىجاد
  • جاڭ چۈنشيەن
  • نۇر بەكرى
 

چولپانلار رەسىملىرى

ئادىلجان ئابدۇقەييۇم

ۋاقتى : 2013-08-28  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراقكۆرۈلىشى : قېتىم

 

تۇغۇلغان ۋاقتى: 9–ئاينىڭ 10–كۈنى
     شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ‹ شىنجاڭ تەنتەربىيەسى › پىروگىراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى
     پۈتتۈرگەن مەكتىپى: شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى
     ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرۇس
     قىزىقىشى: خەۋەر ئوقۇش، كىتاب كۆرۈش، دالا تەنھەركىتى، مۇزىكا ئاڭلاش
     ئالاھىدىلىكى: ناخشا ئېيتىش، چوڭ تىپتىكى كىچىلىك رىياسەتچىلىكى
     ياخشى كۆرىدىغان ھىكمەتلىك سۆز: قانائەتچان ئادەم دائىم خوشال يۈرىدۈ.
     كەسىپكە بولغان قارىشى: رىياسەتچىلىك شان–شەرەپ ۋە ئىمتىياز ئەمەس، بەلكى بىر خىل مەسئۇلىيەت، مېنىڭ تەبەسسۈمۈم ئۈزۈلمەيدۇ، قىزغىنلىقىم ئۆزگەرمەيدۇ، چۈنكى ياشلىق مىنىڭ بايلىقىم.
     ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەم: ئانا
     2004–يىلىدىن 2005–يىلىغىچە كىنو–تېلېۋىزىيە تىياتىر قانىلىنىڭ ‹ شىنجاڭ تەنتەربىيسى ›، ‹ ساياھەت ۋە دۇنيا ›، ‹ شادلىق سەيناسى ›، ‹ مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات › قاتارلىق پىروگراممىلىرىدا دىكتورلۇق، تالا رىياسەتچىسى، ئاپتورلۇق قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
     2005–يىلىدىن 2009–يىلىغىچە ‹ مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات › پىروگىراممىسىدا دىكتور، رىياسەتچى بولغان.
     2009–يىلىدىن ھازىرغىچە مەزكۇر قانالنىڭ ‹ شىنجاڭ تەنتەربىيىسى ›، ‹ تەلەي يۇلتۇزى › قاتارلىق پىروگراممىلىرىدا دىكتورلۇق، رىياسەتچىلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
     2006–يىللىق ۋە 2010–يىللىق دۇنيا لوڭقىسنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا بىۋاستە ئۇلاپ كۆرسىتىش، 2008–يىللىق بىيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى ئۇيغۇر تىلىدا بىۋاستە ئۇلاپ كۆرسىتىش، 2008–يىللىق ۋە 2012–يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۇيغۇر تىلىدا بىۋاستە ئۇلاپ كۆرسىتىشتە رىياسەتچى ۋە چۈشەندۈرگۈچى بولغان، ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەرخىل كېچىلىكلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
     مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئەھۋالى: 2004- يىلى مەملىكەتلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ، 2008- يىلى ‹ رىياسەتچىلىك مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات › شىنجاڭ تەنتەربىيە پىروگراممىسى ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە نادىر تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ، 2008- يىللىق ‹ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى › نى ئۇيغۇرچە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ، 2006- يىللىق ، 2010- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۇيغۇرچە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ، 2008- يىللىق ، 2010- يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۇيغۇرچە ئۇلاپ كۆرسىتىش قاتارلىق پىروگراممىلار مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە باھالاشلاردا 1- ، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن .
     2012- يىلى رىياسەتچىلىك قىلغان ‹ شىنجاڭ تەنتەربىيىسى › پىروگىراممىسىنىڭ ‹ ئاتۇش چىلىشچىلىقى › ھەققىدىكى دىكتۇرلۇق ئەسىرى ئاپتۇنۇم رايون بويىچە 2- دەرىجىلىك شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240-13999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا