ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  رەسىملەر  »  چولپانلار رەسىملىرى

يېڭى قوشۇلغانلىرى

  • دونالد تىرامپنى
  • ھىلارى كىلىنتون
  • جاپپار قېيۇمنىڭ
  • چېن چۈەنگونىڭ تە
  • ئىسلام كەرىموۋن
  • ئوبۇل ھەسەن روزى

بىكەت تەۋسىيسى

  • ئېسىل تارتىلغان
  • ماھىنۇر ھاجى ياق
  • ئابلىكىم ئابدۇر
  • ئەخمەد نىجاد
  • جاڭ چۈنشيەن
  • نۇر بەكرى
 

چولپانلار رەسىملىرى

ئابلەت ئابدۇرېھىم

ۋاقتى : 2013-07-15  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراقكۆرۈلىشى : قېتىم

20121231354532923076_194.jpg

ئابلەت ئابدۇرېھىم

 

     تۇغۇلغان ۋاقتى: 1970- يىل 2- ئاينىڭ 6- كۈنى
     پۈتتۈرگەن مەكتىپى: شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ فاكۇلتىتى، مائارىپشۇناسلىق كەسپى.
      تەسىر قىلغان كىچىككىنە ھېكايە: «مەدەنىيەت بوستانى»پىروگىراممىسىدا «ھايات بېغىڭىزغا ئۆزىڭىز باغۋەن» ناملىق فىلىم ھەققىدە ئەسلىمە.
     خىزمەت تارىخى: بەش يىل ئاۋۋال «مەدەنىيەت بوستانى» پىروگىراممىسىدا ھاراقكەشلىك قامچىلانغان «ھايات بېغىڭىزغا ئۆزىڭىز باغۋەن» ناملىق سۆھبەتنى ئىشلىگەن. سۆھبەت ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان. پىروگىرامما ئاخشىمى قويۇلۇپ ئەتىسى ئەتىگەندە ئىشخانىغا كىرسەم، تېلېفون جىرىڭلىدى، تېلېفوندا بىر ئەرنىڭ يىغا ئارلاش ئاۋازى ئاڭلاندى :«سىلەرگە رەھمەت ، ئاخشام «مەدەنىيەت بوستانى» دا ھاراق ھەققىدە دىيىلگەن گەپلەرنى ئاڭلىدىم. مەن ھاراقنىڭ كاساپىتىدىن ئائىلەمنى ۋەيران قىلغان . ئايالىم ئاجراشقان ، بالىلىرىم يىتىم بولغان . ھازىر مەن ئاقسۇ شايادىن تىلىفۇن ئۇرىۋاتىمەن. مەن ھازىر ئايالىمنىڭ يېنىغا ماڭدىم . بۈگۈندىن باشلاپ ھاراق تاشلايمەن. ئايالىمدىن ئەپۇ سورايمەن، بالىلىرىمنى ئۆزەم باقىمەن. ». مەن بۇ زىيارەت بىلەن قانداقتۇر تاغنى - تالقان قىلىۋەتمىدىم . بەلكى، تۇيۇق يولدا ھاراقنىڭ زىيىنىغا بىۋاستە ئۇچۇرىغان بىر ياشنىڭ ئۆز - ئۆزىنى قۇتقۇزىشىغا ياردەم بەردىم. توغرا ، ھەر بىر قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئارقىسىدا كۆرۈرمەنلەرگە نامەلۇم نۇرغۇن ھېكايىلەر بولىدۇ. ئەشۇ ئۇنتۇلماس سىمالار ۋە ھېكايىلەر مېنىڭ قەلبىگە مەھكەم ئورناپ كەتكەن.
مەن 1993- يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ تىلىۋېزىيە ئىستانىسى ئۇيغۇرچە دىكتورلار بۆلۈمىدە خىزمەتكە چۈشكەن . سەككىز يىل دىكتۇرلۇق قىلدىم . 2002- يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئۇيغۇرچە ئىقتساد - تۇرمۇش قانىلىغا يۆتكۈلۈپ مۇخبىرلىق ، دىكتورلۇق ۋە رىياسەتچىلىك كەسپلىرى بىلەن شۇغۇللاندىم.2004 - يىلى 9- ئايدىن تا ھازىرغىچە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئۇيغۇرچە كىنو – تېلېۋىزىيە تىياتىر قانىلىدا «مەدەنىيەت بوستانى»پىروگىراممىسىدا فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە رىياسەتچىلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن.
     رىياسەتچىلىك خىزمىتىگە بولغان تەسىراتىم: مەن ئېكران ئالدىدا خەلقىم ئۈچۈن ئازكەم 20 يىل خىزمەت قىلدىم . مېنىڭچە ، رىياسەتچى قىزغىن ، ئەقىدىلىك، چوڭقۇر بىلىم ئىگىسى بولغاندىلا ئاندىن ئېكراننىڭ ھەقىقىي خۇجايىنىغا ئايلىنالايدۇ. رىياسەتچى ھاكاۋۇر خان- پادىشاھ ئەمەس، بەلكى پاراسەتلىك قوماندان بولۇشى كېرەك.
      ياخشى كۆرىدىغان ئەقلىيە سۆز ئىبارىلەر: كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ ، ئەمما ، ئانا تىلنى ئۇنتۇش نۇمۇس.
     ئىخلاس قىلىدىغان ئەدىبلەر: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر(ئاتاقلىق يازغۇچى)، زوردىن سابىر (ئاتاقلىق يازغۇچى)
     ئالاھىدىلىكى: سىياسى، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىلمىگە ۋە جامائەتچىلىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بۇرچۇم دەپ قارايمەن. كىتاب ئوقۇش، يېزىقچىلىق، لىكسىيە ۋە نۇتۇق سۆزلەش، ئىلمىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش مېنىڭ ئىزچىل ۋە دائىملىق خىزمىتىمنىڭ بىرقىسمى.
     مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەھۋالى: 1999- يىلى، 2003- يىلى، 2005- يىلى، 2007- يىلى، 2011- يىلى شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان.
      1997- يىلى «رىياسەتچىنىڭ ساپاسى» دىگەن ماقالىسى مەملىكەت بويىچە 8- نۆۋەتلىك نادىر تېلېۋىزىيە ماقالىلىرىنى باھالاشتا 3-دەرىجىگە ئېرىشكەن.
     2001- يىلى 3- نۆۋەتلىك ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە نادىر رادىيو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا نەشپەت ئۆمەر بىلەن ئوقۇغان «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» پروگىراممىسى دىكتورلۇق بويىچە 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن.
      2002- يىلى «بىزدىكى نادىر پىروگىرامما يارىتىشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە تەھلىل» دىگەن ماقالە 4- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە نادىر رادىيو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2- دەرىجىگە ئېرىشكەن.
     2006- يىلى «مەدەنىيەت بوستانى»نىڭ 60- سانى 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئۇيغۇرچە ، قازاقچە، قىرغىزچە نادىر رادىيو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2- دەرىجىگە، «مەدەنىيەت بوستانى» نىڭ 54- سانى يەنە شۇ يىلى 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئۇيغۇرچە ، قازاقچە، قىرغىزچە نادىر رادىيو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2- دەرىجىلىك رىياسەتچىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
     2007- يىلى «دۇنيا مېھىر- مۇھەببەت بىلەن تولسۇن» دىگەن تېمىدىكى مېيىپلار بايرىمىغا بېغىشلانغان پىروگىرامما جوڭگو دېكتور، رىياسەتچىلىك ساھەسىدىكى « ئالتۇن مىكرافۇن » مۇكاپاتىنىڭ قىسىملىق پائالىيىتىدە «مېھرىبانلىق يەتكۈزگۈچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
     2007-يىلى «ئەلنىڭ غېمى ئەردە » دىگەن سۆھبەت 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئۇيغۇرچە ، قازاقچە، قىرغىزچە نادىر رادىيو – تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك رىياسەتچىلىك مۇكاپاتىغائېرىشكەن.
     2012-يىلى «مەدەنىيەت بوستانى» پىروگىراممىسىدىكى « قەدىمگە تۇتاشقان قەلب» دىگەن سۆھبەت ئاپتونوم رايونلۇق دىكتور، رىياسەتچىلىك مۇكاپاتىدا 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240-13999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا