ھىندىستان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زىبۇ-زىننەت، ئۈنچە-مەرۋايىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت . شۇ يەردىكى زىبۇ-زىننەتلەر 24 k لىق ئالتۇننى ئاساس قىلىدۇ، ياسىلىشى كۈچلۈك مىللىي پۇراققا ئىگە شۇنداقلا مۇرەككەپلىكى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. ساياھەتچىلەر بۇيەرنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ، ھىندىستانلىقلارغا نىسبەتەن زىبۇ-زىننەت كەم بولسا بولمايدىغان بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ كېلىنچەكلەرگە تېخىمۇ شۇنداق.
توي كۆينەكنىڭ پاسونى ۋە رەڭگى رايون خاراكتېرىگە ئىگە. ھازىر ھىندىستاندىمۇ توي كۆينەكلىرىنىڭ پاسونىدا زور ئۆزگىرىش بولدى.
ھىندىستان كېلىنچەكلىرىنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرى ئىنتايىن كۆپ، ھالقا، زەنجىر، بىلەيزۈك دېگەندەك ئىشقىلىپ ئاسقىلى بولىدىغانلىكى يەرگە چوقۇم زىننەت بويۇمى ئاسماي قويمايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ شۇ قىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ باي ياكى كەمبەغەللىكىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئۆلچەم.