ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  رەسىملەر  »  چولپانلار رەسىملىرى

يېڭى قوشۇلغانلىرى

  • ئۇنسۇ ناھىيەسىد
  • ھىندىستان خان جە
  • تالانتلىق شائىر
  • تەكلىماكان قۇمل
  • مۇھەممەدتۇرسۇن
  • گىتلېرنىڭ ئون چو

بىكەت تەۋسىيسى

  • ئېسىل تارتىلغان
  • ماھىنۇر ھاجى ياق
  • ئابلىكىم ئابدۇر
  • ئەخمەد نىجاد
  • جاڭ چۈنشيەن
  • نۇر بەكرى
 

چولپانلار رەسىملىرى

ناخشىچى ماھىر زەئىنن

ۋاقتى : 2011-06-25  مەنبەسى : سىراج بىلوگى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

 

 

يېقىملىق ئىسلامچە ناخشىلىرى بىلەن قەلبىمىزنى لەرزىگە سېلىپ كېلىۋاتقان ياش ناخشىچى ماھىر زەئىنن توغۇرلۇق نېمىلەرنى بىلىسىز؟
ئەگەر ئۇ توغرىلىق  بىرەر نەرسە بىلگۈڭىز بولسا بۇ يازمامنىڭ سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ قاندۇرالىشىغا ئىشىنىمەن.
  ماھىر زەئىن تالانتلىق كومپوزىتور، ناخشىچى ئەڭ ئاۋۋال ئۇ بىر مۇسۇلمان. ئۇ گۈزەل ئوتتۇرا دېڭىز دۆلىتى لىۋاندا دۇنياغا كەلگەن.  ئۇنىڭ تۇنجى مۇزىكا ئۇستازى لىۋاندىكى بىر مۇزىكانت يەنى ئۇنىڭ ئاتىسى ئىدى. ماھىر ئاتىسىنىڭ تەسىرىدىن كىچىگىدىلار مۇزىكا جەھەتتە خېلى مول بىلىمگە ئىگە بولغان ئىدى. ئۇ سەككىز ياشقا كىرگەندە ئائىلىسى بىلەن شىۋىسسارىيىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئالىي مەكتەپتە ئاۋىئاتسىيە قۇرۇلۇش كەسپى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئەمما ئۇنىڭ كەسىپ جەھەتتىكى تاللىشى ئۇنىڭ مۇزىكىغا بولغان قىزىقىشى ۋە ئىشتىياقىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويمىغان، ئۇ مەكتەپتىكى چاغدىمۇ دوسلىرى بىلەن ناخشا مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ھەمدە ھەر قايسى مۇزىكا كۆرەكلىرىدە نومۇر ئورۇنلاشقا قاتناشقان. بۇنداق تۇرمۇش ئۇنىڭغا كۆپلىگەن مۇزىكانتلار بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتى ئاتا قىلغان، ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتىكى مۇزىكانتلار بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ مۇزىكا تالانتىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. ماھىرنىڭ شىۋىسسارىيە مۇزىكا ساھەسىدە نامى چىقىشقا باشلىغان مەزگىللەردە ئۇ ئامېرىكىغا بېرىپ تەرەققى قىلىشنى قارار قىلغان ھەمدە نىۇيوركقا كېلىپ ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇنلىنىشقا باشلىغان. ئامېرىكىدىكى بىر نەچچە يىللىق تۇرمۇش جەريانىدا ئۇ AKON ،ladyGaGa ،Brandy قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق مۇزىكانت، ناخشىچىلار بىلەن ھەمكارلاشقان ھەم ئۇلار ئۈچۈن ناخشا يېزىپ بەرگەن. ئەمما بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ مۇزىكا ئىجادىيىتى تاۋار قاتارىدا سانىلىدىغان ئامېرىكا جەمىيىتىدىن زېرىكىپ شىۋىسسارىيىگە قايتىپ كېلىپ داۋاملىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.
  شىۋىسسارىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنى 2009- يىلى ئۇ تۇنجى ناخشا پىلاستىنكىسى "ئىنشا ئاللا" نى بازارغا سالغان. ماھىر پىلاستىنكىدىكى كۆپىنچە ناخشىلارنى ئېنگىلىز تىلىدا ئورۇنلاش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان مۇھەببىتىنى بىلدۈرۈشنى ئۈمۈد قىلغان.
 
 ئۇ مۇنداق دەيدۇ:"پۈتكۈل ئىنسانلارغا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ. كۆزىمىزنى ئاچايلى، ئەتراپىمىزدىكى نەرسىلەرگە ئەستايىدىللىق بىلەن قارايدىغان بولساق، تۇرمۇشىمىزنىڭ بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ھېكايە ئىكەنلىگىنى بايقايمىز."

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا