قاراقاش ناھىيە بازىرىنىڭ ئىچىكى قىسىمىدىن بىرقىسىم كۈرنىشلەر
بازارغا ئالدىراپ ماڭغانتىم ....
قۇساق بەك ئېچىپ كەتتى ،گۆشكىردە بەرمەملا....
ئەجەپ كەلمەيدىغۇ بۇلار ....
ماۋۇ مەش قانچە پۇلدۇ.....؟
ماۋۇ سۈپۈركە قانچە پۇل ؟
سۈپۈركىنى توپ تارقىتامدۇ بۇ يەردە ؟
مەن بىلەن بازار تالىشاملا ؟
بۇ تېرە بەك كىچىككەن 30يۈەن بىرەيمۇ ؟
بالام نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز ؟
ۋاي - ۋۇي نىمانچە ئالدىراش ئادەملەر بۇ ....
مەن قانداقمۇ كىتەرمەن ئەمدى ....
مانا بۇ ئىككى كىلو گىرام كالا گۇشى ...
بۈگۈن سەۋزە ، تۇرۇپ بەك ئەرزان بولۇپ كەتتى .....
نەرۋىمىز نىمە دەيدۇ ...
ئالدىراش ئۆيگە ماڭغانتىم ...
نىمانچە كۆپ تاۋۇز بۇ !...ئالاي دىسەم قىممەتكەن تېخى ....
ئاكا ماۋۇ ئىككى تۇخۇنى ئالامسىز ؟ ئەرزان بىرەي ....
بۇ ئاقسۇدىن ئەكەلگەن خۇراز باھاسى 200 يۈەن ...
بۇ خۇرازنىڭ بوينىغا نىمە بولغاندۇ ....؟
باللار بۇ خۇراز قاراقاش ناھىيەسى بۇيچە بىرىنجى بولغان جۇمۇ ؟
كەپتەر ئالاي دەپ بارسام ......ئەپسۇس...........
ئاچا بۇ باچكا 10 كوي بولسا قانداق ؟
بۇ تۇخۇللۇرۇمنى ھېچكىم ئالاي دىمەيدىغۇ ؟
تاللايسىز ، خىللايسىز دانىسى بىر كوي ....تېتىمىسا بىكالىق ...
ئاداش قوغۇن تاتلىقمىكەن ؟
ئاكا مىنى رەسىمگە تارتىپ قۇيە ...
قارساي بىكەت بەش مۇچەن ....
ئاۋۇ قوغۇن سەل قىممەت ، ئۈرۈمچىدىمۇ شۇنداق قىممەت ئىدى ....
پوش...پوش...ھارۋا كەلدى ....
چېچىمنى تېزارق چۈشۈرۈپ قۇيۇڭ ... ئاۋۇ يەردە نەرۋىللىرىم ساقلاپ قالدى ....
بۈگۈن قۇرۇق ئۈزۈم ساتاي دەپ كىرگەن ئىدىم ، بۇ يولدا ئەجەپ ئادەم يوققۇ ...؟
بالام مەنمۇ تۈمۈرچى ... مەنياساپ بىرەي ....
سىزنىڭ پالتىڭىز تەييار بۇلاي دىدى ....بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ ....
بۈگۈن يالغۇر كىرگەنگە تازا تويدۇم دە .... ئىش جىق بۇپقالغىننى ......
سىزنىڭ پالتىڭىز تەييار بۇلاي دىدى ....بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ ....
بۇ كەتمەن دەستىسىنى قانچە پۇلغا بىرسىز ؟
ئۈيۈمدىكى ساندۇقنى چاشقان تىشىۋىتىپيىكەن ، يەنە بىر ساندۇق ئالدىم ....
ئۆيدىكى جانۋارغا كىيىم - كىچەك ئالدىم ...ھېيىت يېقىنلاپ قالدى .....
بۈگۈن بازارغا ئادەم كەلمىدىمۇ نىمە ؟ ھېچبىر دەسلەپ قىلمىدىمغۇ ؟
بالام رۇس ئولتۇراي ئاندىن رەسىمگە تارتقىن .... بۇ ئاتا مىراس كەسپىم ئىدى ....
قىش كەلسىمۇ مەش ئالغىلى ئادەم كەلمەيدىغۇ ......
ئۇكام قۇلۇڭدىكى جەينەكنى 5 يۈەنگە سات......
ئاكا بۈگۈن بازار ياخشىمۇ ؟
قۇلۇڭىزدىكى مىس چەينەك 100كوي بولسا بولىدۇ ....
كاكچا نان ياقىدىغان گەزنە يوقما ؟
ھازىر بەك ئالدىراش بىردەم ساقلاپ تۇراملا ؟
ئاكا بۇ خالتىغا سېلىۋالاملا ؟
بېشىمدىكى تەلپەك 200 كوي بولدى ، سىلىگىمۇ بىرنى بىرەيما ؟
بەش يۈز كوي ئاۋۇ جۇۋا .... ئەمدى .....
ھەر خىل چايلىق دورىدىن ئارلاشتۇرۇپ بىرەي ....
بۇ موتو قانچە پۇل ؟ ھەممە ئادەم ئاقسۇغا كىتىپ موتو ئەرزان بولۇپ كىتىپتۇ يا ....
ھەممىسى يەرلىك تۇخۇم .....
نەرۋەمگە شۈمەك ئالغاچ چىقاي ........
تېخىمۇ كۆپ بولغان ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ تۇرمۇشىى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەت ۋە فىلىملەرنى كۆرەي دىسىڭىز ئانا تۇپراق مۇنبىرىگە دىققەت قىلغايسىز .
مەزكۈر رەسىملەرنىڭ ئىشلىتىش ھۇقۇقى ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە تەۋە ، ھەر قانداق ئادەمنىڭ قالايمىقان ئۆزگەرتىپ ئىشتىلىشىگە باشقا تور بېكەتلەرگە كۈچۈرۈشكە بولمايدۇ .