مەلىكە سۇلايماننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ئۇ قىز ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيىسىدىن،پارتىيە ئەزاسى.ئۇ قىز 2006-يىلى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ تەرجىمانلىق كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان.شۇنىڭدىن باشلاپ ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇرمۇش جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋەتلىشى، ئۇقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىنىڭ ئەستايىدىل كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىشى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تىرىشىپ ئۆگنىپ 2006-2007 ئوقۇش يىلى ۋە 2007-2008 ئوقۇش يىلىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ‹دۆلەتلىك ئۇقۇش مۇكاپاتى› ۋە ‹دۆلەتلىك رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى›غا ئېرىشكەن.2010-يىلى مەكتەپ تەرىپىدىن ‹مۇنەۋەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى›بولۇپ باھالانغان،شۇنداقلا ئۇقۇش نەتىجىسىنىڭ ئالاھىدە ياخشى بولۇشى بىلەن ئاسپرانتلىققا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنغان.
ئۇ قىز غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتى جوڭگۇ مىللەتلەر ئۇچۇر-تېخنىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىلشۇناسلىق ۋە قوللىنىشچان تىلشۇناسلىق كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئىمتىھانسىز قۇبۇل قىلىنغان ئويغۇر ئاسپرانت قىز بۇلۇش سۈپىتى بىلەن تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش جەھەتتىكى ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ تىرىشىپ ئۆگەنگەن.2010-يىلى يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بىرلىكتە ئىجتىمائىي پەن فوندىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرى ‹ئاۋازلىق تىل ئامبىرى ئاساسىدىكى تىل فونتىكىسىنىڭ ئاكوستىكىلىق تەتقىقاتى›ۋە دۆلەتلىك نوقتىلىق تەجرىبىخانىنىڭ ئېچۋىتىلگەن تەتقىقات تۈرى ‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتلىنىڭ ئاۋازلىق لۇغەت تىل ئامبىرى لايھىسى›نى بىرلىكتە ئۈستىگە ئېلىپ بۇ تەتقىقات تۈرىلىرىنى تامالىغان،ھەمدە ئۆزى مۇستەققىل ھالدا غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئاسپرانتلار يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات تۈرىنى ئىلتىماس قىلىپ،تەتقىقات گورۇپپىسىدىكى ئەزالارنى تەشكىللەپ ،بۇ تەتقىقات تۈرىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىغان.
بۇ قىز يەنە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىگىمۇ ئاكتىپ قاتناشقان،يەنى 2010-يىلى3-ئايدىن 2012-يىلى 12-ئايغىچە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ساقچى-ئوفىتسىرلار كەسپى ئىنىستىتۇتىدا دەرس بەرگەن ھەمدە ئۇدا ئىككى يىل بۇ مەكتەپ تەرىپىدىن ‹مۇنەۋەر تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.
ئاسپرانتلىقتا ئوقۇش مەزگىلىدە ئۇگىنىش نەتىجىسى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئىپادىسىنىڭ ئالاھىدە كۆرىنەرلىك بۇلۇشى شۇنداقلا ئىنىستىتوت رەھبەرلىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن ئىنىستىتوت تەرىپىدىن 2012-يىلى 3-ئايدا بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتىغا تەجرىبە تىلشۇناسلىق بىلىملىرىنى تېخمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېرىم يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن.بۇ قىز پايتەختتىكى ئوقۇش پۇرستىتىنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئۆگەنگەن ھەمدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئاتاقلىق ئالىم، تىلشۇناس ،دوكتۇر ۋە پروففىسورلار بىلەن يۈز كۆرۈرۈشۈش پۇرسىتىگە ، تىلشۇناسلىق بىلىملىرى ھەققىدە ئورتاقلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ھەمدە بۇ ھەقتىكى تۇنۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان.
بۇ قىز ئوقۇش جەريانىدا ئۆلكە دەرىجىلىك ئىلىمىي ژورناللاردا ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ بەش پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان.يەنە بىر پارچە ئىلمىي ماقالىسى،يەنى ‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشىنىڭ تەجرىبە ئانالىزى›2012-يىلى5-ئاينىڭ 18-كۈنى شاڭخەي تۇڭجى ئۇنۋېرستىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹ئونىنىچى قېتىملىق تىلشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى›تەرىپىدىن قۇبۇل قىىنغان ھەمدە شاڭخەيگە تەكلىپ بىلەن بېرىپ يىغىنغا قاتناشقان.
بۇ قىز يەتتە يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا،ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ،ئۈزلۈكسىز تۈردە تىرىشىپ ئۆگنىپ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن،شۇنداقلا بەلگىلىك دەرىجىدە ئىلمىي پەن-تەتقىقات ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىگە پۇختا ئاساس سالغان.ئوقۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە سەمىمىيلىكى بىلەن ئۇقۇتقۇچى-ئۇستازلىرى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ياخشى باھاسى ۋە ئىتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
بۇ قىز بولسا غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتى تىلشۇناسلىق ۋە قوللىنىشچان تىلشۇناسلىق كەسپىنىڭ 2013-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ماگىستىر ئاسپرانتى مەلىكە سۇلايمان.تۆۋەندە بۇ قىزنى سەھنىمىزگە تەكلىپ قىلىمىز :
1---ئۆز تۈرك ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى 2013-يىللىق <<تىلشۇناسلىق >>مۇكاپاتىغا ئېرشكۈچى ئاسپرانت قىزغا شنجاڭ ئۇنېۋرسىتىتى ڧىلولوگىيە پەنلىرى ئنۇستىتىۇتى پىراڧڧىسورى،دوكتۇر يىتەكچىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئشخانىسنىڭ مۇدىرى ئارسلان ئابدۇللا ئەپەندىنى مۇكاپات تارقىتىش سۆزى قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز.