مېھرىبان نىيازنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
مېھرىبان نىياز چوغلۇق، ئۇ ئۆزلۈكسىز تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقان، ھاياتقا ۋە ئۆزىگە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان، لىرىك شېئىرلىرى بىلەن ھاياتنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىۋاتقان ئاددى بىر قىز.
ئۇ 2010-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فولكلور كەسپىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقىغا ئوقۇشقا كىرگەن، تەتقىقات يۆنىلىشى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئوسمان ئىسمايىل تارىم. ئۇ تولۇق كۇرىسنى تارىخ كەسپىدە ئوقۇغان ۋە ئالتە يىل تارىخ ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، لېكىن قەلبىدە ئەدەبىياتقا بولغان ئوت ئۆچۈپ قالمىغان. شۇڭا ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېسىرتاتىسىيىسىنى مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىياتنىڭ كىسىشمە نوقتىسىدىن تۇرۇپ يازغان. ئۇ ‹‹مۇھەممەت باغراش ئەسەرلىرىدىكى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە فولكلور ئامىللىرى ئۈستىدە تەتقىقات›› دېگەن تېما ئۈستىدە دېسىرتاتىسىيە ياقلىغان بولۇپ، ماقالىسى ‹‹مۇنەۋەر دېسىرتاتىسىيە›› بولۇپ باھالانغان.
ئۇ ئۈچ يىل ئۇقۇش جەريانىدا‹‹تۈركىي مىللەتلەر ئېپوسلىرىدىكى قەھرىمانلارنىڭ سەپەرگە ئاتلىنىش مۇتىفى ھەققىدە››، ‹‹ئۇيغۇر ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدىكى ئايال ئىلاھلار ئوبرازى توغرىسىدا››، ‹‹ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرىدىكى قۇيۇن مۇتىفى ھەققىدە››، ‹‹غەربىي ئاسىيا رايۇن خەلىقلىرىنىڭ قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرىنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش›› دىن ئىبارەت تۆت پارچە ئىلمىي ماقالە، ‹‹بىزنىڭ يوقاتقانلىرىمىز ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى ھەققىدە››، ‹‹ جىمجىت سەھرادىن شاۋقۇن-سۆرەنلىك شەھەرگىچە››، ‹‹ئۆلۈم ھەققىدە مۇلاھىزىلەر››، ‹‹ھاياتلىق بۈيۈك دەرىستۇر›› قاتارلىق ئىجتىمائىيەت تېمىسىدىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.‹‹شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت قاموسى›› ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن قىرغىزلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەرجىمە قىلغان.
ئۇ قۇيۇق ئىچىكى ھېسىياتقا تۇيۇنغان، رومانتىك ۋە پەلسەپە، فولكلور ئامىللىرى يارقىن جۇلالىنىپ تۇرىدىغان شېئىرلىرى بىلەنمۇ مەتبۇئاتلاردا تونۇلۇشقا باشلىغان.ئۇنىڭ ئۈچ يىل ئوقۇش جەريانىدا ‹‹ يازالمىغان شېئىردۇر يوللار››، ‹‹ئۇزاپ كېتىمەن››، ‹‹ قەلبىمنىڭ سىرتىدا››، ‹‹ بۇلاق ئەپسانىسى››، ‹‹يامغۇر ھىدىنى سېغىنىش››، ‹‹كۆزۈمدىكى بىر تال سۈرەتسەن›› سەرلەۋھە ئاستىدىكى 60 پارچىغا يېقىن شېئىرلىرى ھەر قايسى ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. ‹‹ ئۇزاپ كېتىمەن›› نامىدىكى بىر يۈرۈش شېئىرلىرى، 2013-يىلى 4-ئايدا تەڭرىتاغ ژورنىلى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان‹‹ تەڭرىتاغ ياشلار ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا ئىرىشكەن.
ئۇ ھەم تەتقىقات ئېلىپ بارالايدىغان ھەم ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان قوش ئىقتىدارغا ئىگە. ئۇ ئوقۇشقا كىرىش ئالدىدىكى جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك بېسىمى ۋە ئوقۇش جەريانىدىكى تۈرلۈك بېسىملارنى يېڭىپ، ئۆزىگە خاس ئۆگىنىش يولى ۋە قىممەت قارشى، دۇنيا قارىشىنى تۇرغۇزغان. ئۇ ئىزلەۋاتقان مەنىۋى مەنزىل ئۇنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىلىم –پەنگە تۇتقان سەمىمىيلىكى بىلەن تېخىمۇ نۇرلىندۇ. ئاللا خالىسا ھايات ئۇزۇن، ھاياتقا نىسبەنەت بۇ نەتىنجىلەر كۆپ ئەمەس، بىراق بۇ بىر ياخشى باشلىنىش، شۇنداقلا تىرىشچانلىقنىڭ سوۋغىسى. قولغا كەلتۈرگەن نەتىنجىلىرىڭىز دەۋىرنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا تۇزۇپ كەتمەيدىغان، ئۇزۇنغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بولسۇن! تىرىشچانلىقىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!
مۇكاپات تارقاتقۇچى: شىنجاڭ ئونۋېرىستىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پىراففىسورى، ماگىستىر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى غەيرەتجان ئوسمان مۇئەللىم