ۋەتەنگۈل. كامىلنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ۋەتەنگۈل. كامىل، ئۆزى تىرىشچان ۋە ئۆزىگە خاس دۇنيا قارىشىغا ئىگە قىز. ئۇ 2005- يىلى9-ئايدىن 2010-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۈنۋىرىستىتى خېمىيە فاكولتىتىدا خېمىيە كەسپىدە تۇلۇق كۇرۇس ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۈنۋىرىستىتى خېمىيە فاكولتىتىنىڭ خېمىيە كەسپىگە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىقا كىرگەن، تەتقىقات يۈنىلىشى ئويغۇر تىبابەت دورىلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئېچىش. ئۇ بۇ ئوقۇش جەريانىدا ئۆز كەسپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئىزدەنگەن، ئوقۇش جەريانىدا نۇپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئالتە پارچە ئىلمى ماقالە ئېلان قىلغان. <<ئۇيغۇر تىبابەت دورا ئۆسملۈكى سوزاپنىڭ تەركىبىدىكى ئۈنۇملۈك تەركىبنى ئايرىش >> تىمىسىدا ئوقۇش پۇتتۈرۈش دىسسېرتاتسىيىسى قىلغان ۋە ياخشى
باھاغا ئىرىشكەن.
ھەممىمىزگە مەلۇم ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنۋى تىبابىتى . ئۇ ۋەتىنىمىز ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇش بىلەن بىرگە ، يەنە ۋەتىنىمىزنىڭ ئەنئەنۋى تېبابەتچىلىك غەزىنىسىدىكى قىممەتلىك گۆھەرلەردىن بىرى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتىكى مۇھىم بىر قۇرال سۈپىتىدە خەلقىمىزنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش، كۆپىيىپ روناق تېپىش ۋە ئىجتىىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۇچلىرىنىڭ سان ۋە ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىدە غايەت زور رول ئويناپ كەلمەكتە.
ۋەتەنگۈل ئۆزىنىڭ كەسپى ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، ئۇيغۇر تىبابىتى خام دورىلىرىنىڭ تەركىبىنى ئىنىقلاش ۋە ئۈنۈملۈك تەركىبىنى ئايرىپ چىقىش ساھەسىدە ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك كۈچىنى چىقىرىپ كەلمەكتە . ئۇ ھازىر جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىميەسى شىنجاڭ فېزىكا-خېمىيە تەتقىقات ئورنىدا ئۇيغۇر تىبابىتى دورىگەرلىك ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ .
ئەلۋەتتە ، ئىجتىمائىي پەن بىلەن تەبىئىي پەننى ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ، ئىجتىمائىي پەن كىشىلەرگە روھىي ئۇزۇق بىرىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ ، ئەمما تەبىئىي پەن بولسا ئاسانلا ئادەمگە قىيىنلىق تۇيغۇسى بىرىدۇ ، چۈنكى راسلا قىيىن بولغاچقا . شۇڭلاشقا تەبىئىي پەن ساھەسىدە ئىزدىنىپ ، ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى ئىلىم -پەنگە بېغىشلاپ ئۆتكۈزىۋاتقان قىزلىرىمىزغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز .
ۋەتەنگۈلمۇ ئەنە شۇنداق پەخىرلىك قىزلىرىمىزنىڭ قاتارىدىن ، تىرىشچانلىقىڭىزغا بۇ مۇكاپات بىرىلدى . يوللىرىڭىزنىڭ ئاق ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق ، ئۆگىنىشىڭىزنىڭ نەتىجىلىك بولىشىغا تىلەكداشىمىز !
ئىسمائىل نۇرۇللا ، خېمىيە پەنلەر دوكتورى ، پىراففىسسور ، شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى خېمىيە فاكولتىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، دوكتۇر يىتەكچىسى .