مۇيەسىسەر قەھرىماننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ ، 2006-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتى فىزىكا ۋە ئىلىكتورۇن قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتىنىڭ قوش تىل فىزىكا تەجىرىبە سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان مۇيەسىسەر قەھرىمان،ئالى مەكتەپكە كەلگەندىن بىرى گۇزەل ئەخلاق ۋە كۈچلۈك تىرىشىش روھى بىلەن، ئۈزلۈكسىز تۈردە قاتىتق تەلەپ قويۇپ ئۈگۈنۈپ،ياخشى نەتىجىلەر بىلەن تولۇق كۇرۇس ئوقۇش ھاياتىنى تاماملىغان، ھەمدە 2011-يىلى ئمتاھانسىز ھالدا فىزىكا ۋە ئىلىكتورۇن قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتىنىڭ نەزىرىيە فىزىكىسى قاتىق جىسىملار پارقىراق ئىلمىنىڭ ماگاستىر ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان.ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ھاياتىدا ، شىنجاڭنىڭ مول بولغان قېزىلما بايلىق ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ،قاتىق جىسىملار پارقىراق ئىلمى تەجىرىبە ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇلۇنۇپ ، يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن سىدىق مۇئەللىم ئۆز ئۈستىگە ئالغان دۆلەتلىك تەتقىقات تۈرىدىن ئىككىگە قاتىناشقان. ئاپتونۇم رايۇنلۇق ماگىستىر ئاسپىرىنتلار فوندى تەتقىقات تۈرىدىن بىرنى،مەكتەپ ۋە ئىنىستىتوتنىڭ ئاسپىرىنتلار يېڭىلىق يارىتىش فوندى تەتقىقات تۈرىدىن بىرنى مۇستەقىل ھالدا ئۆز ئۈستىگە ئالغان. مەمىلىكەتلىك پارقىراق جىسىملار ئىلمى مۇھاكىمە يىغنىغا قاتناشقان. ئىككى قېتىملىق مەكتەپنىنڭ ئىلمى مۇنازىرە يىغىنىغا قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن. خەلقىئارالىق نۇپۇسى يۇقىرى بولغان نۇقتۇلۇق ژورنالدا بىر پارچە ئىلمى ماقالە ئېلان قىلغان.
ئىلم-پەندە تىز بۆسۈشلەر يۈز بىرىپ، رىقابەت كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، فىزىكا تەتقىقات ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، تېنىمسز تىرىشىۋاتقان، مەرىپەت ۋە تىرىشچانلىق ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى يارتىشقا ئىرادە باغلىغان ئاسپىرانت قىز مۇيەسىسەر قەھرىماننىڭ بۇندىن كىيىنكى تەتقىقات ئشلىرىنىڭ تېخىدىنمۇ ياخشى بولۇپ، فىزىكا ساھەسىدە يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
1995-يىلىدىن باشلاپ فىزىكا ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئشلىرى بىلەن شۇغۇلۇنۇپ كىلىۋاتقان،11-نۆۋەتلىك مەمىلىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، 8-نۆۋەتلىك ئاپتونۇم رايۇنلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ فىزىكا پەنلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتى فىزىكا ۋە ئىلىكتورۇن قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتىنىڭ مۇئاۋىن فاكۇلىتىت مۇدىرى، دوكتۇر، ماگاستىر ئاسپىرانت يىتەكچىسى ئەخمەتجان ئابلىز مۇئەللىم.