ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

MH17 بوشلۇق ئاۋارىيەسىگە ئالاقىدار گۇماندارلارنىڭ ئىسىملىكى يېقىندا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن

ۋاقتى : 2016-10-03  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلى  

20161002195048336.jpg

يەر شارى تورىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ رېيتېر ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋىستىرالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى جۇلىيە بىشوپ مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH17 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇكرائىنادا ھادىسىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئىسىملىكى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن بېكىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بىشوپ ئاۋسترالىيە ABC تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاشكارىلاپ مۇنداق دېگەن: «بىز شۇنداق قارايمىزكى، ۋەقەنى ئۈستىگە ئېلىشى زۆرۈر بولغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ تىزىملىكى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، ياكى كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا بېكىتىلىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن قانۇن يۈرگۈزۈش تەرتىپى باشلىنىدۇ».
 

20161002232433734.jpg

2014-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ MH17 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى ئامىستېردامدىن كۇئالا لۇمپۇرغا قاراپ ئۇچۇش سەپىرىدە ئۇكرائىنانىڭ دونباس ئوبلاستىدا نائېنىق سەۋەب تۈپەيلىدىن چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 298 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان. دونباستا ھەربىي توقۇنۇش قىلىۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆزىنىڭ بۇ تراگېدىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۆز-ئارا قارشى تەرەپنى ئەيىبلىگەن. گوللاندىيە، ئاۋسترالىيە، ئۇكرائىنا، بېلگىيە ۋە مالايسىيا تەشكىللىگەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ھازىر بۇ قېتىملىق بوشلۇق ئاۋارىيىسىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان MH17بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ بوشلۇق ئاۋارىيىسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دەسلەپكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن  «بۇك دەرىخى» ناملىق  ھاۋا ھۇجۇمىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا دونباستىكى خەلق ئەسكەرلىرى كونتروللىقىدىكى رايوندىن ھاۋا بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەن. رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بۇنىڭغا قارىتا ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ يەكۈن ئىسپاتى بىر تەرەپلىمە كۆز قاراش تۈسىنى ئالغان تەكشۈرۈش دېگەن.
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوۋ 9-ئاينىڭ 28-كۈنى رۇسىيەنىڭ MH17 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى ھادىسىسى توغرىسىدا ئەتراپلىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، لېكىن موسكۋانى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان يېرى شۇكى، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى كۆپ مىقداردىكى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بەزى دۆلەتلەر يەنىلا رادار سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلمىدى». پېسكوۋ يەنە مۇنداق دېگەن: «نۆۋەتتە ئېلان قىلىنغىنى پەقەت دەسلەپكى قەدەمدىكى دوكلات، بۇنىڭ ئىچىدە يەنىلا نۇرغۇن زىددىيەتلەر بار، شۇنداقلا دەلىل-ئىسپات كەمچىل».

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا