چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنگىرىيە خەلقى شۇ جاي ۋاقتى 2-ئۆكتەبىر ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇشتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلارنى تەقسىملەش پىلانىنى رەت قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق زۇڭلى ۋىكتور ئوربان تەشەببۇس قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «زور كۆلەملىك مۇساپىرلار تەھدىتى»دىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
خەۋەردە دېيىلىشچە، نۇرغۇن كىشى ئورباننىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ناھايىتى ئاسانلا غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى ئىشىنىدىكەن، لېكىن ئەگەر خەلق ئاۋازغا قويۇش ھەرىكىتىدە بېلەت تاشلاش نىسبىتى 50%كە يەتمىسە ئوربان يەنىلا تەس ئەھۋالدا قالىدۇ.
ئوربان ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: زور كۆلەملىك كۆچمەنلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەر تۇرمۇشىغا تەھدىت پەيدا قىلىدۇ ھەمدە ۋېنگىرىيە خەلقىنىڭ «بېريۇسېل سەرخىللىرى مەغلۇپ قىلغان لېبىرالىزملىق ئۇسۇلدا كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتى بار» دېدى.
ئۇ تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: بىز ھەر بىر ياۋروپالىققا شۇنى بىلدۈرۈپ قويىمىزكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى چوقۇم ئىدراكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىز بىلەن ئورتاق كۈچ چىقىرىشى، تىرىشىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن ياۋروپا ئىتتىپاقى چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.
ۋېنگىرىيە تېخى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پىلانىغا ئاساسەن بىرمۇ مۇساپىرنى قوبۇل قىلمىغان، ئەكسىچە سىلوۋاكىيە بىلەن بىرلىشىپ بۇ پىلانغا قارشى چىققان.
رېيترس ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق توغرىسىدىكى ۋېنگىرىيە ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش ھەرىكىتى گرېۋنىچ ۋاقتى 4تە باشلىنىپ 17دە ئاخىرلىشىدىكەن، 18دە دەسلەپكى نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.