ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9-ئايدا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ مىكرو سۇلياۋ ئىشلىتىشنى چەكلىگەن، ھەمدە بۇ خىل سۇلياۋنىڭ تەركىبىدە مەلۇم دەرىجىدە زەھەر بارلىقىنى بايقىغان. نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، مىكرو سۇلياۋنىڭ يەرشارى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقى مۆلچەردىكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. تەتقىقاتچى خادىملار 1800 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستىدا بىر دېڭىز جانلىقىنىڭ بۇ خىل مىكرو سۇلياۋنى يۇتۇۋالغانلىقىغا ئائىت ئىسپاتنى بايقىغان.
ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە ھىندى ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز رايونىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ ئانالىز قىلدى. ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، نۇرغۇنلىغان چوڭقۇر دېڭىز ئاستى جانلىقلىرىنىڭ بەدىنىدە مىكرو سۇلياۋ تالالىرى ساقلانغان ئىكەن، بۇ جانلىقلار بولسا 300 مېتىردىن 1800 مېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدىغان تاشپاقا، راك ۋە دېڭىز ئادەمگىياھى قاتارلىقلار ئىكەن.
بۇ بايقاش تۇنجى قېتىم مىكرو سۇلياۋنىڭ دېڭىز ئاستى جانلىقلىرى تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنىدىغانلىقىنى ئسپاتلىدى، تەتقىقات Michelle Taylor دوكتورنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ مەقسىتى بولسا چوڭقۇر دېڭىز ئاستى چۆكمىلىرىنىڭ تەركىبىدىكى مىكروسۇلياۋنى بايقاش. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چوڭقۇر دېڭىز ئاستى رايونىدا كۆپ مىقداردا مىكروسۇلياۋ بار ئىكەن، چوڭقۇر دېڭىز ئاستى جانلىقلىرى ئۇلارنى يۈتىۋالىدىكەن. مىكرو سۇلياۋ تالالىرىنىڭ دېڭىز ئاستى جانلىقلارنىڭ تېنىدە كەڭ تارقالغانلىقىنى بايقىدۇق. مەسىلەن: مارجان تاش، راك ۋە دېڭىز ئادەمگىياھى. ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، مىكروسۇلياۋ قۇرۇقلۇقتىكى بۇلغىنىش مەنبەسىگە نەچچە 1000 كىلومېتىر كېلىدىغان چوڭقۇر دېڭىز ئاستى مۇھىتىدا ساقلانغان.
مكروسۇلياۋ بولسا ئۇزۇنلۇقى 5 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدىغان كىچىك سۇلياۋ پارچىلىرى. ئۇ مىكرو تالا ۋە مىكرو كاۋچۇكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەتقىقاتچى خادىملار بۇ قېتىملىق تەتقىقات جەريانىدا پولىېستېر، ئاكرىلىك كىسلاتا قاتارلىق سۇلياۋ ماددىلارنىڭ كىر يۇيۇش سۈيى قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ دېڭىزغا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بايقىدى.
چوڭقۇر دېڭىز ئاستى جانلىقلىرى «دېڭىز قار» نى يېمەكلىك قىلىدۇ، «دېڭىز قار» بولسا دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن دېڭىز چۆكمىسى زەررىچىلىرىدۇر، ئۇلار دېڭىز جانلىقلىرىنىڭ جەسىتى، گەندىسى، لەيلىمە جانلىقلارنىڭ تاشقى قېپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەتقىقاتچى خادىملار بىر خىل دېڭىز ئاستى ئەسۋابىدىن پايدىلىنىپ، ئىنچىكىلىك بىلەن دېڭىز ئاستى جانلىقلىرىنىڭ ئەۋرىشكىسى يىغىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ مىكرو سۇلياۋنى يۇتۇۋالغان يۇتىۋالمىغانلىقىنى ئۆلچەيدۇ. ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن دوختۇرى ۋە جىنايەت ئىلمىنىڭ مۇئاۋىن پىروفېسسورى Claire Gwinnett دوكتور مۇنداق دېدى: «قانۇن دوختۇرىنىڭ تەجرىبە تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، بىز مىكروسۇلياۋنىڭ چوڭقۇر دېڭىز ئاستى جانلىقلىرىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا بار ياكى يوقلىقىنى بىلەلەيمىز، قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بولسا، ھازىرغىچە تېخى يېڭى بىر پەن تېخنىكا، بىراق بىز بۇ تەتقىقات ۋە تېخنىكىدىن ناھايىتى رازى. ئۇنىڭ باشقا مۇھىم بولغان مۇھىت تەتقىقاتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ».