ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

تۈركىيە سومالىدا ئۆزىنىڭ چەتئەلدىكى تۇنجى ھەربىي بازىسىنى قۇردى

ۋاقتى : 2016-10-02  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلى  

20161002145405552.jpg

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 1-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ چەت ئەلدە قۇرغان تۇنجى ھەربىي ئىشلار بازىسى سومالىدا پۈتكەن. بۇ ھەربىي بازا سومالى پايتەختى مۇقدىشو شەھىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە مەشىق بازىسى قىلىپ ئىشلىتىش پىلانلانماقتا. زۆرۈر بولغان چاغدا 10 مىڭدىن ئارتۇق سومالى ئەسكەرلىرى مۇشۇ جايدا مەشىق قىلىدۇ.
سومالى دۆلەت ئىچىنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى
تۈركىيە رادىيو تېلېۋىزىيە تورىنىڭ 1-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر بازا تۈركىيە بىلەن سومالىنىڭ 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىمزالىغان «دۆلەت مۇداپىئە سانائەت ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئاساسىدا قۇرۇلغان، ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشكەن ئىكەن. مەزكۇر بازا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، تەخمىنەن 200 نەپەر تۈركىيەلىك ھەربىي ئەمەلدار مۇشۇ جايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.
ھازىر تۈركىيە تەرەپ 150 ئەسكەرنى مەزكۇر بازا ئىچىگە خىزمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلار ئاساسلىقى بازىنىڭ قۇرۇلۇشى، ھەربىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئە سانائەت ھەمكارلىقى ۋە ھەربىي مانېۋىر قاتارلىق كېلىشىمدە بېكىتكەن خىزمەتلەرنى قىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەربىي بازىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيە تەرەپ ئايرىم ئەسكەر ئەۋەتىپ باشقا قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىكەن.
سومالى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ئىچكى ئۇرۇش پاتقىغا پېتىپ قالغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى زوراۋانلىق ھەرىكىتى باشتىن ئاخىر تىنجىمىدى. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدە ئۇزاققا سوزۇلغان ھۆكۈمەتسىزلىك ھالىتى پەيدا بولۇپ، مىلىتارىستلار ۋە دېڭىز قاراقچىلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك كۆكلەپ كەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە بازا تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سومالى ياشلار پارتىيەسى ئەڭ راۋاجلاندى، بۇ تەشكىلات بولۇپمۇ سومالىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدا زور ئالقىشقا ئېرىشتى.
1-ئۆكتەبىر سومالى ياشلار پارتىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن پايتەخت مۇقدىشو ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارىتىلغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىنى ئۆزلىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. 2013-يىلى 7-ئايدا، سومالى ياشلار پارتىيەسى تۈركىيەنىڭ مۇقدىشودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر نەپەر تۈركىيەلىك ئالاھىدە ساقچى قۇربان بولغان، ئۈچ نەپەر ساقچى يارىلانغان.

138960644.jpg

سومالى خەلقى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىپ، دۆلەت ئىگىلىكى ئاساسەن نابۇت بولۇپ كەتكەچكە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى سومالى پايتەختى مۇقدىشو شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا مۇساپىرلار لاگېرى قۇرۇپ، يارىلانغان كىشىلەر ۋە دىپلوماتىيە خادىملىرىنى مۇشۇ جايغا ئورۇنلاشتۇرغان، ھەم داۋاملىق ھالدا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان.
سومالىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق سومالى ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ. لېكىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئالدىنقى ئاينىڭ (8-ئاينىڭ) 28-كۈنى خاتا ھالدا بومباردىمان قىلىپ، بىخەتەرلىك ساقلاش قىسىملىرىدىن 13 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى ۋە يەتتە ئادەمنىڭ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ۋەقەدىن كېيىن يەرلىكتىكى ئامما نامايىش قىلغان.
تۈركىيە چەت ئەلدىكى ھەربىي ئىشلىرىنى كۈچەيتتى
تۈركىيە مەزكۇر بازىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكا، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە ياپونىيەدىن كېيىنكى ئافرىقا قىتئەسىدە ھەربىي بازىسى بار بولغان بەشىنچى دۆلەتكە ئايلاندى.
بۇ يىل 3-ئاينىڭ 30-كۈنى، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز (Ismet Yilmaz) تاشقى ساھەدىكىلەرگە ئاشكارىلاپ، تۈركىيەنىڭ كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدە قاتاردا ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرۇش پىلانى بارلىقىنى ئېيتقان. بۇ بازا تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ 2014-يىلى ئىمزالىغان «ئىككى دۆلەت ھەربىي مۇداپىئە كېلىشىمى» گە ئاساسەن قۇرۇلىدىكەن. كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى بويىچە يەنە، تۈركىيە تەرەپ قاتارغا ھەربىي خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قاتاردىكى ھەربىيلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ تەربىيەلەش، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدىكەن.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ چاغدىكى تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلى سۆز قىلىپ: «تۈركىيەنىڭ چەتئەلدىكى تۇنجى ھەربىي ئىشلار بازىسىنى قۇرۇشى كونكرېت ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مۇقىملىق ئۈچۈن» دېگەن.
2015-يىلنىڭ ئاخىرىدا، تۈركىيەنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەھمەد تاشقى ساھەدىكىلەرگە ئاشكارىلاپ، تەخمىنەن 3000 نەپەر يەر يۈزى قىسىملىرىنىڭ مەزكۇر بازىرىغا جايلاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئەسكەرلەر ئىچىدە يەنە ھاۋا ئارمىيەسى ئەسكىرى، دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكىرى، ھەربىي ئىشلار مەشىق تىرېنېرى ۋە ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا