ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئىسپانىيەدىكى بىر ئاشخانىدا گاز باكى پارتلاپ، 77 ئادەم يارىلاندى

ۋاقتى : 2016-10-02  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلى  

138962443.jpg

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى شەھەر Velez-Malaga دىكى بىر ئاشخانىدا گاز باكى پارتلاپ كېتىپ 77 ئادەم يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە بەش ئادەمنىڭ يارىسى بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن.
شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەزگىللەردە Velez-Malaga بازىرىدا تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىكەن. شۇ جاي ۋاقتى 1-ئۆكتەبىر بۇ قېتىمقى گاز پارتلاپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
مەزكۇر بازار ئادەم كۆپ توپلاشقان Malaga رايونىنىڭ شەرقىگە 40 كىلومېتىر كېلىدىكەن. توردا تارقالغان سىن ماتېرىيالىغا قارىغاندا، Malaga بازىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان La Bohemia ئاشخانىسىغا ئوت كەتكەن بولۇپ، ئەتراپتىكى ئامما پاتىپاراق بولۇپ قېچىشقا باشلىغان.
ئىسپانىيە «دۆلەت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاشخانىدىكى بىر ئاشپەز ئاشخانىدىكى خېرىدارلارنى تاماق ئېيتىدىغان ئۆيگە ئوت كەتكەنلىكىدىن خەۋەرلەندۈرۈپ، مۇشۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بىخەتەر جايغا قېچىپ چىقىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەن

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا