ئەھۋالنى ئاڭلىغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋە پارلامېنت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل ئىراندا 4 ئامېرىكا پۇقراسى تۈرمىدىن چىققان. شۇ كۈنى ئوباما ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ ئىراندىكى ئىككى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكىغا بولغان جازانى بىكار قىلىشنى قوللاشقا ماقۇل بولغان. بۇ ئىككى بانكا ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سنارەد تۈرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.
بۇ يىل 1-ئاينىڭ 16-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان بىر پارچە ئىران بىلەن دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئىمزالىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يادرو كېلىشىمى بويىچە ب د ت يۇقىرىدىكى ئىككى بانكىغا قاراتقان جازانى ئەسلى 2023-يىلى ئاندىن بىكار قىلاتتى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان Sepah بانكىسى ۋە Sepah International بانكىسىنى جازا تىزىملىكىدىن چىقىرىشى بىر مۇنچە كېلىشىملەرنىڭ بىر قىسمى، يەنە بىر قىسمى بولسا تالاش-تارتىشتا قالغان مەھبۇس ئالماشتۇرۇش ۋە ئىرانغا 1 مىليارد 700 مىليون يۈەن نەق پۇل تاپشۇرۇش. بۇ كېلىشىملەرنى ئامېرىكا بىلەن ئىران 1-ئاينىڭ 17-كۈنى بېكىتكەن، يەنى يۇقىرىدا ئېيتىلغان 4 نەپەر ئامېرىكىلىق قويۇپ بېرىلگەن كۈنى.
9-ئاينىڭ باشلىرىدا ئوباما ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى پارلامېنت ئەزالىرىغا ئامېرىكىنىڭ قارارىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن يۇقىرىدىكى ئىككى بانكىنى جازا تىزىملىكىدىن يۆتكەيدىغان يېڭى تەپسىلات ئايان بولغان.
ئامېرىدىكى نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى برېت مگۇرك (Brett McGurk) بىلەن ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەپەر ۋەكىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەتىگەندە جەنۋەدە ئۈچ پارچە ھۆججەت ئىمزالىغان.
بىر پارچە ھۆججەتتە، ئامېرىكا ئىران دۆلەت تەۋەلىكىدىكى 21 نەپەر كىشىگە بولغان جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىپلەشنى بىكار قىلىشقا دەۋە بەرگەن، ئىران بولسا ئىراندا تۈرمىگە سولانغان ئامېرىكىلىقلارنى قويۇپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەن.
يەنە بىر ھۆججەتتە ئامېرىكا ئىران ھۆكۈمىتىگە دەرھال 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل تۆلەشكە ۋەدە بەرگەن ھەم نەچچە ھەپتە ئىچىدە يەنە ئىككى قېتىم ئومۇمىي مىقدارى 1 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل تۆلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان، بۇ پۇللار نەچچە ئون يىلغا سوزۇلغان تاماملانمىغان ھەربىي ئەسلىھەلەر سودىسىنىڭ قانۇنىي تالاش-تارتىشىنى ئۈزۈشنى مەقسەت قىلغان.
بىر قانچە نەپەر ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈچىنچى پارچە ھۆججەتتە ئامېرىكا يۇقىرىدكى ئىككى ئىران بانكىسىنى جازا تىزىملىكىدىن چىقىرىشنى دەرھال قوللاشقا ماقۇل بولغان. بۇ ئەمەلدارلار ئىككى تەرەپ شىۋىتسارىيەدىكى بىر مېھمانخانىدا يۇقىرىدىكى ھۆججەتلەرنى ئىمزالاپ نەچچە سائەتتىن كېيىن كېلىشىمنىڭ كۆپ تۈرلۈك مەزمۇنلىرى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن: ئامېرىكىلىقلار قويۇپ بېرىلگەن، ئىران 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل ئالغان، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى Sepah بانكىسى ۋە Sepah International بانكىسىغا بولغان جازانى بىكار قىلغان، دېدى.