ئامېرىكا «دۇنيا ئاخبارات گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقى ئارنولد سىۋاشىنگېرنىڭ 50 ياشلىق ئاشنىسى مېلدېرىت بېننىڭ سۈرىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، پۈتكۈل دۇنيا ھەيران قالغان. كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغىنى، سىۋاشىنگېرنىڭ جەلپكار، گۈزەل ئايالى تۇرۇپ، كۆرۈمسىز، فىگۇرىسىمۇ قاملاشمىغان بىر ئايال خىزمەتچىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى بولغان. سىۋاشىنگېرنىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان مەخپىي ئارخىپىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئەسلىدە سىۋاشىنگېر جورا تاللاشتا باشقىچە يول تۇتقان، ئۇ كۆپىنچە گۈزەل ئاياللارنى ئەمەس، كۆرۈمسىز ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىكەن. كۆرۈمسىز، جەلپ قىلىش كۈچى يوق ئاياللار ئۇنى مەھلىيا قىلالايدىكەن.
سىۋاشىنگېرنىڭ بۇ مەخپىي ئارخىپىنى ئۇنىڭ سىياسىي قوللىغۇچىلىرى مەخسۇس رازۋېدكىچى تاللاپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەنىكەن، چۈنكى ئۇلار سىۋاشىنگېرنىڭ سىياسىي ھاياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئېھتىمالى بولغان «مەخپىيەتلىك» نى ئالدىن بايقاشنى ئۈمىد قىلغان.
رازۋېدكىچىلار تەكشۈرۈش جەريانىدا، سىۋاشىنگېرنىڭ بىر قانچە ئايال بىلەن بولغان سەتچىلىكىنى بايقىغان، بۇ ئاياللارنىڭ ئىچىدە چىرايلىقتىن بىر-ئىككىسىلا بولۇپ، قالغانلىرى بىر-بىرىدىن سەت ئىكەن. مەخپىي ئارخىپتا ئاشكارىلىنىشىچە، سىۋاشىنگېرنىڭكۆرۈمسىز ئاشنىلىرىنىڭ بىرشى ئۆزىنىڭ كۆرۈمسىزلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى، سىۋاشىنگېر ئەزەلدىن نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ جەلپكارنى ئەمەس، كۆرۈمسىز ئاياللارنى نىشانلايدىغانلىقى، چۈنكى ئۇنىڭ شۇنداق كۆرۈمسىز ئاياللار بىلەن بىللە بولۇشنى خالايدىغانلىقى، ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇنداق ئاياللار ئۇنى ھۆرمەتلەپ، قەلبىدىكى مەبۇدى ھېسابلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئۇنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، سىۋاشىنگېرنىڭ گۈزەل ئاياللارنى ياخشى كۆرمەسلىكىدىكى سەۋەب گۈزەل ئاياللار سىۋاشىنگېرغا نىسبەتەن تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن، چۈنكى ئۇ چىرايلىق ئاياللار باشقىلارنىڭ ماڭا بولغان دىققىتىنى تارتىۋالىدۇ، دەپ ئويلايدىكەن.