تازا قايناق سودا سارىيىدا ئايالىنى تاپالماي تىرىككەن ئەر ناھايىتى چىرايلىق بىر مال ساتقۇچى قىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ دەپتۇ:
-خانقىز بىز بىردەم پاراڭلاشساق بولامدۇ؟
-كەچۈرۈڭ، كۆرۈپ تۇرۇپسىز، مەن بەك ئالدىراش، نىمە گىپىڭىز بار ئىدى؟
-نىمە گەپ بولسا بولىۋىرىدۇ.
-بۇ نىمە دىگىنىڭىز ئەمدى؟
-بۇ مۇنداق ئىشتى دەڭا، ئايالىم مۇشۇ دۇكاندا نەرسە سىتىۋالىمەن دەپ يوقاپ كەتتى، يىرىم كۆن بولدى ئۇنى تاپالمايۋاتىمەن، ئايالىم سىزدەك چىرايلىق بىر قىز بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ قالسا ھازىرلا يىنىمغا ئۈنۈپ بولىدۇ.