شۇنداققىلىپ ئاينۇر باشلىق بىلەن سۆھپەتلىشىپ بۇلۇپ قايتماقچى بولغاندا......ئاينۇر سىزنى نىمىشقا بۇيەرگە كىرگۇزدۇ ...ئا ئەكبەر دىگەن بىر نىمە ؟؟؟ بۇندىن كىيىن ئۇ نىڭ ئىشلىرغا ئارلاشماڭ.......دىدى باشلىق...ئاينۇرمۇ بېشنى يىنىك لىڭشىتىپ قۇيۇپ خوشلۇشۇپ چىقىپ كەتتى....ئەكبەر ساقلاپ تۇرغان يەردىن ئاينۇرنى كۆرۇپ دەس تۇرۇپ يۈگەرگەنچە ئاينۇرنىڭ ئالدىغا كەلدى....قانداق بولدى خۇتۇن..تىز ئېيتە.....؟ ئىشلىرنڭز ئوڭلاندى ،ئىدارە باشلىقى بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىپ يۈرسۇن دەيدۇ .. بۇلىدۇ ..بۇلىدۇ مەن چۇقۇم دىققەت قىلمەن ..يۈر ئۆيگە قايتايلى، ...كەشكى شەپەق كائىناتنى ئوت ھالاتكە كەلتۇرۇپ ئادەمگە بىرخىل ھاياجانلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلاتتى، بۇ دۇنيا نىمدىگەن گۈزەل ھە......كەشلىك تاماق ۋاقىتتا ئاينۇر تاماق ئۈستىلگە تاماق ئېلىپ كىلىپ ئەكبەرنىڭ ئۆزگە تىكلىپ قاراپ قالغىنىنى كۈرۈپ شۇ ھامان تەنلىرى تىكەنلەشتى،،، بۇنداق قاراش ياخشىلىقنىڭ نىشارىتى ئەمەس دە ئەلۋەتتە....تاماق يەۋېتىپمۇ تۇرۇپ تۇرۇپ يامان كۇزدا قارايتى ......ھەي ماڭ ماڭا سوغوق چاي ئەكەل .....بۇلىدۇ مانا ھازىرلا....بۇ تاماق مانا مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى...ئەل يەتقۇ بولغاندىمۇ ئەكبەر ياتماي ئاينۇرغا قاراپ ئولتۇراتتى. ئاينۇر بىچارە بولسا نىمىش بولغۇنىنى سۇراشقا جۇرئەت قىلالماي ئولتۇراتتى... ھەي خۇتۇن... سەن ماڭا ھىچ بىر چۇشەندۇرەي دىمەيسەنغۇ ؟ نى...نىمىنى ....؟ قايسى يۇزۇڭ بىلەن نىمىنى دەيسەن ھە سەن ؟ ۋاي نىمانداق قېلىن بىرنىمە سەن.... نەچچە كۈندىن بىرى نىمىشلارنى قىلدىڭ مەن بىلمەي قالارمەنمۇ ...ما ئىككى مۈرەم ئۈستىدىكى باش جۇمۇ .....نىمىش بولدى ئەكبەر جان..؟ سەن نىمانداق بىرنىمە دەيمەن .. ما باشلىق دىگەن بىرنىمە سانا نىمە دىدى سەن نىمە دىدىڭ بۇنۇ مەن بىلمەن ..ئۇ پوق قۇرساق خېلى ئادەمنىڭ گىپىنى يىمەيتى ھەجەپ سىنىڭ گىپىڭنى يىرمايدىكان ھە......مىنى يۇمشاق باش كۇرۇپ قالدىڭمۇ....بىكار تاياق يەيسەن ... تىز دە نىمە مۇناسىۋىتىڭ بار ....بۇندىن كىيىن سىنى قانداقمۇ خۇتۇن قىلىپ يۇرىمەن ......بۇ گەپ ئاينۇرغا خۇددى ئاسمان زىمىن تىترەپ كەتكەندەك تەسىر بەردى.....سە...سەن....قايسى يۈزۈڭ بىلەن بۇ گەپلەرنى قىلسەن سىنىڭ نەرىڭ ئەر ......نەچچە يىلدىن بىرى مەن قانداق خورلىساڭ ماقۇل دەپ كەلدىم ...چۇنكى ئاتا-ئانام ساڭا قەرىزدار....سەن تېخى ئۈزۈڭنى ئەر دەپ ئويلامسەن ........بۇگۈن ئاينۇر ئون ئۆچ يىلدىن بىرى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشقا جۇرئەت قىلالمايدىغان بۇ ئادەمگە يانغانتى بۇ بىچارە ناتىۋاننىڭ سەۋىر تاقىتى توشقانتى ........سەن ئۈزۈڭ كىر دىدىڭ مەن كىردىم.......ھەممە ئادەمنى ئۈزۈڭگە ئوخشۇتۇپ قالدىڭمۇ ...ۋۇ بۇزۇق .....نىمە سەن مىنى قورقۇماستىن ھاقارەتلەۋاتامسەن ...سەن...ھە ..مەن شۇ ...بولدى بۈگۈن خېتىمنى بەر مەن ئاجرىشمەن..تۇيۇقسىزلا بىر شاپىلاق قاتتىق تەگدى...سەن تېخى ئاجراشماقچىمۇ ئۇخلاپ چۇشۇڭ..مەن ساڭا دەپ قۇياي سىنى قىيناپ ئۈلتۈرمەن ...ئۇنداق ئاسان ئىش يۇق .....ئاينۇر يىقىلغان يەردە يىغلاپ ياتاتتى...ئەكبەر شۇنداق دەپلا سىرىتقا چىقىپ كەتتى...ئاينۇرنىڭ باشلىرى قېيىپ كۆزلىرىگە قاراڭغۇچىلىق تۇلۇپ ...كۆڭلى ئېلىشقاندەك بۇلۇپ... ئورنىدىن تۇرالمايۋاتاتتى...مەن نىمە بولدۇم .... بۇ نەمە بولغىنى....ئاينۇر ئورنىدىن زادى مىدىرلىيالمىدى...نەبىرە......نەبىرە......ھە.. ئانا نىمىش بولدى ..؟ مىنى يۇلەڭ قىزىم ...دادام يانا ئۇردىمۇ ئانا ....نەبىرەنىڭ
كۆزلىردىن مۇنچاغتەك ياش تۇكلۇپ تۇرۇپ ئانسىنى يۈلەۋاتاتتى... ئاينۇرنىڭ بۇرنىدىن قوختىماي قان ئېقىپ بېشى قېيپلا تۇراتتى،... ياك قىزىم ئۇرمڭدى ...ئۈزۈم يىقىلىپ چۈشتىم... ئاينۇر ئورنىدىن مىدىرلاپلا يەنە يىقىلدى دە ھۇشدىن كەتتى....
[داۋامى بار]