دادا..ئانام..ئۇ...نىمە بولدى تىلىڭنى چاينىماي تىز دە...ئانام يەردە يىقلىپ قالدى...بۇرنىدىن توختىماي قان ئېقىپ تۇردۇ...ماڭ..ماڭ.. ئۆيگە چىق ..سەل تۇرۇپ ساقيىپ قالدۇ....ئەكبەر تەڭشىلىپ بولغانتى....ئۇ بۇزۇق ئۆلگىچە مەندىن قۇتۇلالمايدۇ ....خەپ ئۆيگە كىرىپ ئۇ بۇزۇقنى قانداق قىلمەنكىن قېنى...نەبىرە...دادسىنى يۈلەپ ئۆيگە ئەكىردى،،ئاينۇر يەردە قانغا مىلنىپ ياتاتتى،،،دادا قاراڭ ئانامغا مىدىرلىماي ياتىدۇ...ئەكبەر سەل سەگەكلىشىپ قالغاندەك ..قاچاننىڭ يازى شۇنداق ياتتى..؟ بىرەر سائەت بۇلاي دىدى....ھە...نىمە...؟ ئەكبەر شوپۇرىنى چاقىرىشقا ماڭدى....ئاينۇرنى كۈتۈرۇپ ماشىنىغا سېلىپ ...يىزىلىق شىپا خانغا ئەكەلدى، دوختۇرلار بۇنداق ئەھۋالدا چوڭراق يەرگە ئاپرىپ بېقىش تەكلىۋى بەردى....ناھىيە بۇ يەردىن يۈز كىلومىتىر يىراقتى...ماشىنا توختىماي ماڭغان بولسىمۇ كەينىگە ياغاندەك بۇلۇپ يول ئاينىمايۋاتاتتى.....تاڭ سەھەر بولغاندا ناھىيەگە يىتىپ كەلدى..دوختۇرلارنىڭ دىشچە ئاينۇرنى...چوڭراق يەرگە ئاپرىپ كۆرسىتىپ بېقىشنى بۇيرىدى....ئاينۇر ھۇشغا كىلىپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلگەن بولسىمۇ ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەشكە باشلىرى قېيىپ كۆزلىرى تورلۇشۇپ يەنە ئىزدا يېتىپ قالدى...سىستىرا بۇياققا كىرىڭە ......ھە مانا...مىنىڭ تەكشۇرۇش نەتىجەم چىختىمۇ..؟ ھە چىققان سىزنى ۋىلايەتلىك دوختۇر خانغا يۆتكەيدىغان بولدى ...نى....نىمىشقا ئەمدى...؟ سىزنىڭ.....مىڭىڭىزدە.... ئۆسمە باردەك تۇردۇ.....دىيشىۋتدۇ مەسئۇل دوختۇرلار....ھە..نىمە بۇ قانداق گەپ ...لىكىن بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس.....قورقۇپ كەتمەڭ ....ئاينۇرنىڭ بېشىدىن بىر چىلەك سوغوق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ پۇتۇن ھۇجۇدىنى تىترەك بېسىپ كەتكەنتى،...ئاھ خۇدا بۇ نىمە ئىش....مەن نىمە بولدۇم .....مىنىڭ ئىككى بالامچۇ....ئۇلارغا مەن بولمىسام بولمايدۇ...ئۇلار تېخى كىچىك.....ئاينۇر بۇ چەكسىز خىياللاردا....نىمە قىلشىنى بىلمەي قالغاندەك بۇلۇپ يەنە بىر تەرەپتىن ...ئاللاھ مىنى بۇ زۇلۇمدىن مۇشۇنداق قۇتۇلدۇرماقچى بولسا كىرەك دەپمۇ ئويلايتى، لىكىن ئاينۇرنىڭ ئىككى بالسىغا زادى كۆزى قىيمىغانتى ....ئاھ خۇدا مىنى بۇزۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنىڭ باشقا چارىسى يوقمىدۇ.....؟؟؟ ئەتىسى ئاينۇرنى ۋىلايەتلىك دوختۇر خانىغا ئېلىپ كەلدى، بۇ يەردىمۇ ئوخشاش گەپ.....كىسىلى خەتەرلىك..........شۇنداق قىلىپ ئاينۇر يا كۈلشىنى يا يغلىشنى بىلمەي تىم تاس ياتاتتى....ئەكبەر بولسا ئاينۇرغا يەر ئاستىدىن قاراپ قۇيۇپ بىرەر ئىشلار ئۇچۇن ئېچىن غاندەك مەنادا ئۇھ سىنىپ قۇياتتى، ئاينۇر بولسا ئەكبەرنىڭ دىدارىغىمۇ قارماي خۇددى بۇنداق ئادەم مەۋجۇت ئەمەستەك ھالدا ياتاتتى......ئەكبەرنىڭ مەن سىنى قانداق كۆڭلۇم كۈترۈپ خۇتۇن قىلمەن دىگەن گىپى قۇلاق تۇۋىدە ھەر ۋاقىت جاراڭلايتى...ئەسلى ئۇ مەندىن پايدىلنىپتۇ...مەن ئۇنىڭ خۇتۇنىغۇ...نىمىشقا بۇنداق مەقسەتتە بۇندەق ئىشلارغا مىنى سالدۇ ..؟؟ مەن تېخى ئىرىم ئۈچۈن باشلىقىغا يالۋۇردۇم دەپ ئويلاپتىمەن ....لىكىن ئۇ مىنى سېتىپتۇ....ئاينۇر بۇلارنى ئويلىسا يۈرەكلىرى..... زەرداپ بۇلۇپ كۆزلىرىدىن ياش ئەمەس قان ئاقاتتى....ئاللاھ ئۈزەڭ بار مەن تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە ....ئۈزۈمنى غۇرۇر ۋىجدانغا خىلاپ ئىشلاردىن يىراق تۇتۇپ كەلدىم ياراتقان ئىگەم ئۈزۈڭ بىلسەن .....مەن نىمانچە .......ئەخمەق....ئۆز ئىرىم مەندىن بۇ جەھەتتە پايدىلانسا بۇنى نىمىشقا بىلمەيمەن.......توۋا ھۇقۇق مال دۇنيا ، شۆھرەتلەر ....ئادەمنى ئۆز ئايالىنى سېتىشقا مەجبۇرلامدىغاندۇ.....؟ ئاينۇرنىڭ بېشىغا قاتتىق ئاغرىق كىردى.....ئاغرىق ئازاپىدىن تولغۇنۇپ كەتسىمۇ ۋاجانلاپ يىغلىمايتى....پەقەت دەيدىغان گىپى شۇكىرى ئاللاھ... بەرگەن كۈنىڭگە..........
[داۋامى بار]