ئايقىز ھەدىمۇ تەڭلا يىغلاپ تاشلىدى،يىغلىمىسلا داداسى مەن چۇشەندىم، قىزمىزنىڭ توي ئىشى توختاپ بەك ياخشى بولدى ئۇ تېخى بەك كىچىك. مەيلى سىلى دىگەندەك بولسۇن بىساتىمىزنى سېتىپ ۋايىتنى قۇتۇلدۇرايلى ئاندىن بىر گەپ بۇلار. ئابدۇراھمان ئاكا يەنە بىر چۇڭقۇر ئۇھ تارتقاندىن كىيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، بىز بۇ يۇرتتىن باشقا يۇرتقا كىتەيلى ئانسى مەھەلىمىزدىكى ھەممە ئادەملەر بىزنى خىيانەتكار بالنى بېقىپ يەنە نۇمۇس قىلماي قىزنى خەققە ساتماقچى بۇلۇپتۇ دەپ سۆز چۆچەك قىلشىۋاتدۇ بۇنداق كىتىۋەرسە مەنمۇ بىرەر ئادەم بىلەن بىرنىمە دىيشىپ قالدىغاندەك تۇرمەن.ئەڭ ياخشىسى بىز كۈچۈپ كىتەيلى ،ئايقىز ھەدە ئارلىقتا گەپ قىستۇرۇپ ئەي.. قىزمىز بۇ توي ئىشغا قۇشۇلغان بولسا بۇنداق سورۇقچۇلۇقمۇ بولماستى ھە....بولدى ئەمدى بۇ گەپلەرنى قىلىشمايلى دىدى ئابدۇراھمان ئاكا. ئەتە ئەلچىلەرنى چاقىرتىپ تويلۇقنى قايتۇرۋىتەيلى، ماقۇلە مەن شۇنداق قىلاي دادسى ئايقىز ھەدە شۇنداق دىگەىنىچە چەينەككە دەملەنگەن چاينى ئابدۇراھمان ئاكىغا تەڭلەۋېتىپ بىرخىل بىلىپ بولماس قىيامماسلىق ئىلكىدە ئۆيلەرنىڭ تورۇسلىرغا قاراپ قويدى،نەمىگە بۇنداق قارايسەن خۇتۇن مەن ھايات بولساملا بۇنداق ئۆي جاھاننى ساڭا يەنە قىلىپ بىرمەن ھە راس بۇ ئىشلارنى قىزمىز ھەرگىز بىلمىسۇن ھىلمۇ ئاكسىنىڭ ئىشلىرىنى كاللىسدى ئۆتكۈزەلمەي ئاغرىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپ قالدىم. بۇلدۇ دادسى . بۇ ئىشلارنى ئاينۇر تاشقارقى ئۆيدە تۇرۇپ بىلىپ بولغانتى ، مەن قانداق قىلسام بۇلار؟ ئاينۇر ئۆز-ئۆزىگە سۇئال قۇيۇشقا باشلىدى،
[داۋامى بار]