تۇن پەردىسى يىرتىلىپ بۇ تاڭمۇ ئاخىرى ئاتتى شۇنداق خۇددى مىلتىق ئۇقىدەكلا يانماس بۇلۇپ ئاتقان بۇ تاڭ كىملارگە پايدا بەرسە كىملەرنى زىيان تارتقۇزۇپ كىملەرنى كۈلدۈرسە يەنە كىملەرنى يىغلىتىپ كەش بۇلار ھە!!قىسقىسى ئاينۇر بۈگۈن قانداق تەقدىرگە دۈچ كىلەر، ئايقىز ھەدە ئەتتىگەندىلا ئەلچىلەرنىڭ يېنغا مېڭىشقا قەييارلىنىپ مال چارۋىلارغا يەم خەشەك بىرىپ بۇلۇپ پۇتىدىكى ساپما ئايغىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆيگە كىرىپ ھاينۇرنى كۈرۈپ ھەيران بۇلۇپ تۇرۇپلا قالدى، ئاينۇر تويلۇققا ئالغان نەرسىلەرنى كۈرۈپ ئولتۇرغان بۇلۇپ چىرايىدىن ئادەم چۇشنۇپ بولماس بىرخىل سىرلىقلىق ئەكىس ئىتەتتى. قىزىم بۇ ؟ ئايقىز ھەدە ئاينۇرغا نىمە دىيىشنى بىلمەي تۇرغاندا ئويلىمىغان يەردىن ئاينۇر . ئانا مەن بۇ تويغا قۇشۇلدۇم ئەلچىلەرنى ئىزلەپ بارماڭ مەن قۇشۇلدۇم .بۇ سەبىي گۈزەل قىزنىڭ گىلاستەك لەۋلىرى بىلىنەر بىلىنمەس تىترەۋاتاتتى...نى ...نىمە ئاينۇر قىزىم سى...سىزگە نىمە بولدى ؟ ئايقىز ھەدىنىڭ چوپچوڭ كۆزلىرى ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە يوغناپ ھىلى چانقىدىن چاچراپ چىقىپ كىتىدىغاندەك قىلاتتى. مەن راس دەۋاتمەن ئانا بۇ تويغا قۇشۇلدۇم.قاراڭ ئانا بۇ كۆينەك بەك چىرايلىقكەن مەن بۇ پاسۇنغا بەك ئامراق.. قىزىم بۇ گەپ راسمۇ؟ ھەئە ئانا مەن قاچان يالغان سۆزلەپ باققانتىم. جېنىم قىزىم سىز ئاكىڭىز ئۈچۈن شۇنداق قىلۋاتسىز مەن بىلمەن سىزنىڭ ئۆز رازلىقىڭىز يوق دادىڭىز بۇ توينى قىلمايلى دەپ .... بولدى ئانا مەن بىر قارارغا كەلدىم مەن بۇ تويغا قۇشۇلدۇم دادامغا مىنى شۇنداق دىدى دەپقۇيۇڭ..لىكىن قىزىم ؟
[داۋامى بار]