راس دادسى، قىزىمىز كىچىچە ئۇخلىمىغاندەك قىلدۇ دادسى ، كۆزلىرى ئولتۇرشۇپ كىتىپتۇ ئۇنى كۆرۈپ ئىچىم سىرلىپ كەتتى ، بولدى بو توينى توختىتىپ قۇيلى ئانسى بۇ ئايالغا تويلۇقلارنى كۈتەرتىپ قۇيۇڭلار؟ لىكىن ئاينۇر مەن بىر قارارغا كەلدىم بۇ تويىنى چۇقۇم قىلمەن دەيدۇ، ئۇنداق بولسا ئۇنى چاقرىپ چىقىڭلار ؟ ماقۇلە دادسى، ئايقىز ھەدە پاكارراق كەلگەن دىقماق ئايال بۇلۇپ لىكىن ياشلىقدا گۈزەل ئاياللاردىن ئىكەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى، ئاينۇر بولسا ئانا تەرەپنىڭ گۈزەللىكى، ئاتا تەرەپنىڭ قاملاشقان قەددىقامىتىنىڭ مەھسۇلى بولغان بىر ساھىپ جامال قىز بۇلۇپ كۆزلىرى ئاينىڭ نۇردەك جۇلالىنىپ تۇرسا قىياقتەك قاشلىرى يېڭى چىققان ئايدەك ئەگمە كەلگەن لەۋلىرى قىپ- قىزىل گىلستەك، يۈزلىرى يەنىلا شۇ تۇلۇن ئايدەك بۇلۇپ ئاغزىنىڭ ئۈستى تەرپىگە جايلاشقان كىچىككىنە مەڭلىرى بۇ گۈزەل قىزنى تەڭداشسىز ساھىپ جامالغا ئايلاندۇرغانتى ،بۇ قىزنى بىر كۆرگەن ھەرقانداق يىگىت قايرىلىپ يەنە بىر قارايتى ھەم ئۆز-ئۆزىگە توۋا ھازىرمۇ بۇنداق دەبى گۈزەل قىزلار باركەن دىسە ..ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەيدىكەن بۇ كاساپەت دىيشىپ كىتەتتى، توغرا ئاينۇر ھەقىقەتەن ئىنتايىن چىرايلىق قىزئىدى لىكىن بۇ گۈزەللىكتىن كىملەر پايدىلنىپ كىملار ئازاپلىنىپ،كىملەر ھەسەت قىلىپ، يەنە كىملەر... ھەي.. بۇنداق كىملەر بەك كۆپ ، بۇ ناتىۋاننى قانداق قىسمەت كۈتۈپ تۇردۇ بۇنى ئاللاھ ئۆزى بىلدۇ..
[داۋامى بار]