بوۋاقلارغا دائىم ئۇچرايدىغان يېمەكلىك كۆكتاتنى ئۆگىتىشنىڭ پايدىلىق تەرىپى
ۋاقتى: 2016-02-28
ئاۋاتلىقى: 554 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاقلارغا دائىم ئۇچرايدىغان يېمەكلىك كۆكتاتنى ئۆگىتىشنىڭ پايدىلىق تەرىپى
ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇقكى، كۆكتات بولسا كىچىك بالىلار دائىم ئۇچرىتىدىغان يېمەكلىك. ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش قاتارلىق تۆت پەسىلنىڭ ئىچىدە كۆكتاتنى خالىغان ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تۈرى كۆپ، ھەر بىر بالا بىر نەچچە خىل تۈرىنى دېـيەلەيدۇ. مەسىلەن : پىدىگەن، بەرەنگە، تەرخەمەك، يېسىۋىلەك، مۇچ قاتارلىقلار. گەرچە ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى ئاز بولسىمۇ، ئەمما كۆكتاتنىڭ ئىستىمال قىلىنىدىغان بۆلىكى ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىلىق تەرىپىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا كۆزىتىش، مۇنازىرە قىلىش، تېپىشماق ياساش قاتارلىق بىر قاتار ھەرىكەتلەر بالىغا كۆكتاتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تۇنۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆكتاتنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنى بىلدۈرۈپ، بالىنى كۆكتاتقا نىسبەتەن توغرا بولغان كۆز قاراشقا ئىگە قىلىپ، كۆكتاتقا بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىپ، بالىنى كۆكتاتنى ياقتۇرۇپ يەيدىغان ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ ياخشى بولغان ئۇزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە ئىنتايىن زۆرۈر بولغان بىر ئىش.