ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بەش ئايلىق بوۋاققا قوشۇمچە يېمەكلىك بەرگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 3 نۇقتا

بەش ئايلىق بوۋاققا قوشۇمچە يېمەكلىك بەرگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 3 نۇقتا

ۋاقتى: 2016-07-07 ئاۋاتلىقى: 567 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بەش ئايلىق بوۋاققا قوشۇمچە يېمەكلىك بەرگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 3 نۇقتا

                                                                          

1.  بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇش قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى بولۇشى ناتايىن، ھازىر نۇرغۇنلىغان ياش ئانىلار قوشۇمچە يېمەكلىك بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى، شۇنىڭ بىلەن بەزى ئانىلار بوۋاق 3 ئايلىق بولغاندىن كېيىنلا ، ئالدىراپ قوشۇمچە يېمەكلىكنى بېرىشكە باشلايدۇ، بۇرۇن بەرگەن كېيىن بەرگەندىن ياخشى دەپ قارايدۇ، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ، بوۋاققا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.                                

 

چىن يۈنبىن پروفېسسور تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: قوشۇمچە يېمەكلىكنى قانچە بالدۇر بەرسە شۇنچە ياخشى بولۇشى ناتايىن، ئەڭ مۇھىمى بوۋاقنىڭ ئاي يېشى بىلەن ماس كېلىشى كېرەك. بوۋاق 6 ئايلىق بولغاندا پەقەت ئانا سۈتى بىلەن ياكى سۈت پاراشوكى بىلەنلا باققاندا بوۋاقنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، چوقۇم بوۋاقلار ئېھتىياجلىق بولغان ئوزوقلۇق ماددىلار كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىش كېرەك. يەنە، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ماسلىشىش ئۈچۈن بوتقىسىمان يېمەكلىكلەرنى قوشۇمچە يېمەكلىك قىلىپ بېرىش كېرەك.  بۇ ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەم قانلىق ، راخىت ، كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىنىدۇ، لېكىن ھەرقانداق قوشۇمچە يېمەكلىكنى بوۋاق ئانا سۈتىگە تويۇنغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا بېرىش كېرەك. لېكىن قوشۇمچە يېمەكلىكنى چوقۇم يېشىغا ماس ھالدا قوشۇش كېرەك،  بەك بۇرۇن ياكى بەك كېيىن بولغاندا بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، بەك بۇرۇن بەرگەندە بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تولۇق يىتىلمىگەنلىكتىن، ياندۇرۇش، ئىچ سۈرۈش ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەك كېيىن بەرگەندە، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش سۈرئىتى بەك تېز بولغاچقا ئاسانلا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋاقتىدا بوتقىسىمان يېمەكلىكنى بەرمىگەندە، بوۋاقنىڭ ئەتراپلىق ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئالتە ئايدىن كېيىن بوۋاقنىڭ چايناش ئىقتىدارى ۋە پۇراش سېزىمى يېتىلىشنىڭ مۇھىم مەزگىلى، بوۋاققا قوشۇمچە يېمەكلىكنى بېرىشنى كېچىكتۈرگەندە بوۋاقنىڭ چايناشقا قارىتا غىدىقلىنىشى كەمچىل بولۇپ چايناش ئىقتىدارى كېچىكىش ياكى چايناش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بوۋاقنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىكىگە بەك بۇرۇن تۇز ياكى تەم تەڭشىگۈچ قاتماسلىق كېرەك.                                                                         

 

نۇرغۇن ئانىلار بوۋىقىغا بەك بۇرۇن كۆكتات لېيى، گۆش لېيى، شوۋىگۈرۈچ قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكنى بەرگەندە مۇنداق مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ: ئازراقمۇ تۇز قاتمىغاندا يېيىشلىك بولامدۇ؟! شۇنىڭ بىلەن ياش ئانىلار ئۆزىنىڭ تەم تەڭشەش ئادىتىگە ئاساسەن بوۋاقلار يېمەكلىكىگە تۇز، بالىلار جياڭيۇسى ۋە تەم تەڭشىگۈچنى قاتىدۇ، بۇنداق قىلغاندا تاماق ھەقىقىي يېيىشلىك بولىدۇ دەپ قارايدۇ،               

 

چىن پروفىسور بۇنىڭ خاتا قاراش ئېكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ بەردى، تۇز بولسا ناترىي، كالىي خېلور، قاتارلىق ئېلمىنىتلاردىن تۈزۇلگەن.  بوۋاقنىڭ بۆرىكى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغانلىقتىن ئەگەر قوشۇمچە يېمەكلىكتىكى تۇز كۆپ بولۇپ كەتسە بالىنىڭ تېنى ۋە بۆرىكىگە نىسبەتەن يۈك بولۇپ قالىدۇ، يەنە بوۋاق مەزگىلىدىن باشلاپلا تۇزلۇق تاماققا ئادەتلەنگەندە چوڭ بولغاندا بۇ ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتمىكى تەس، شۇڭا بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارنىڭ تامىقىغا تۇز ياكى ھەرقانداق تەم تەڭشۈگۈچلەرنى قوشماسلىق لازىم.                                  

 

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا، بالا يېرىم ياشقا كىرگەندىن كېيىن ، چوڭلارنىڭ تاماق ييېيىشىگە نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولىدۇ، چوڭلار تاماق يېگەندە ھەمىشە تەقەززالىق بىلەن قاراپ تۇرىدۇ، چوڭلارمۇ دائىم بوۋاققا بىر نەچچە تال سەي ھەمدە بىر نەچچە قوشوق ئاش سۈيى ئىچكۈزۈپ قويىدۇ، لېكىن چوڭلارنىڭ قورۇمىلىردا تۇز تەركىبى كۆپ، بوۋاق تەمىنى بىر تېتىۋالغاندىن كېيىن  سىز ئۇنىڭغا بوتقىسىمان يېمەكلىكنى يېگۈزسىڭىز  ئۇ قىلچە تەمى يوقتەك ھېس قىلىدۇ، شۇڭا چوڭلار بوۋاققا بەك بۇرۇن چوڭلارنىڭ قورۇمىلىرنى يېگۈزۇپ قويماسلىقى كېرەك.                                                                  

3. بوۋاققا يېڭى سىقىلغان مېۋە  سۈيى بەرگەندە تازىلىققا دىققەت قىلىش            

مېۋە شەربىتىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C  مول، سۇ تولۇقلاپلا قالماستىن يەنە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، مول بولغان ۋىتامىن  C يەنە تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەم قانلىق كېلىپ چىقىشنى ئازايتىدۇ، شۇڭا بوۋاققا دائىم بېرىپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز. لېكىن چىن يۈنبىن پروفېسسور ئاتا-ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: دېزىنفېكسىيەلەنمىگەن مېۋە سۈيىنىڭ بوۋاققا ماس كېلىشى ناتايىن، بولۇپمۇ ئاي يېشى بىرقەدەر كىچىك بولغان بوۋاقلارنىڭ ئۈچەي ئاشقازان ئىقتىدارى تېخى تولۇق يىتىلىپ بولمىغاچقا دېزىنفېكسىيەلەشتىن ئۆتمىگەن مېۋە شەربىتى بەلكىم ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن. شۇڭا ئاتا-ئانىلارغا ئەسكەرتىمىزكى: مېۋە شەربىتى ياسىغاندا چوقوم يېڭى مېۋىنى تاللاش ھەمدە تازىلىققا دىققەت قىلىش لازىم. ئامال بار سىقىلغان مېۋە شەربىتىگە شېكەر قوشماسلىق لازىم. ئەگەر شارائىت يول قويسا بوۋاققا مەخسۇس زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان مەخسۇس بوۋاقلار مېۋە شەربىتىنى بەرسە بولىدۇ.                          

 

ئالتە ئايدىن ئاشقان بوۋاق بارا-بارا ئىستاكاننى ئىشلىتىپ مېۋە شەربىتى ئىچەلەيدىغان بولىدۇ، تۇتقۇچى بار ئېغىزى ئۆردەك  تۇمشۇقى شەكلىدىكى ئىستاكاننى ئىشلىتىپ مەشقلەندۈرسە بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا دەل ۋاقتىدا بوۋاقنىڭ كىچىك قولىنىڭ تۇتۇش ئىقتىدارى ، كۆز-قولىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى مەشقلەندۈرگىلى بولىدۇ، يەنە ئۆزى تاماق يېيىشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلەيدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى