بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈشنىڭ تاماق رىسالىسى
ۋاقتى: 2016-03-22
ئاۋاتلىقى: 796 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈشنىڭ تاماق رىسالىسى
1.سەۋزە شورپىسى:
سەۋزە تەركىبىدە ئۆسۈملۈك تالالىرى بولۇپ، سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئۈچەيدە ھەجىمى كېڭىيىپ، ئۈچەينى تولدۇرۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، شۇ ئارقىلىق ئۈچەينى بوشىتىپ راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
تەييارلىنىشى: 250 گرام يىڭى سەۋزىنى پاكىز يۇيۇپ پوستى بىلەن قوشۇپ توغراپ قازانغا سېلىپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ بىلەن قاينىتىپ ئېزىپ تىرىپلىرىنى ئېلىۋىتىپ سۈيىنى كۈندە 3~2 قېتىم ئىچىدۇ.
2.تۇخۇم سېرىقى مىيى:
بىر ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار ھەركۈنى بىر تال تۇخۇم سېرىقىنڭ مېيىنى 3~2 قېتىمغا بۆلۈپ، بىر ياشتىن يۇقىرى بوۋاقلار ھەركۈنى ئىككى تال تۇخۇم سېرىقىنڭ مېيىنى 3~2 قېتىمغا بۆلۈپ ئۈچ كۈن يېسە ئىچى سۈرۈشنى ساقايتىپ ئاشقازان ۋە تالنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
تەييارلىنىشى: تۇخۇمنى پۇشۇرۇپ، سېرىقىنى ئايرىپ قازانغا سېلىپ سۇس ئوتتا قىززىتىپ مېيىنى ئالىمىز.
3.ئالما مۇرابباسى:
ئالما تەركىبىدە مېۋە كىسلاتاسى بولۇپ، توكسىنلارنى سۈمۈرەلىگەنلىكتىن بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ، بولۇپمۇ ئالتە ئايلىقتىن يۇقىرى بوۋاقلارغا ماس كېلىدۇ.
تەييارلىنىشى: ئالمىنى كېسىپ ئۇششاقلاپ، قوچۇپ مۇراببا ھالەتكە كەلتۈرۈپ ھەركۈنى 3~2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 60~30 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. يەنە بىر تال ئالمىنى پاكىز يۇيۇپ توغراپ، 0.9~0.8 گرام تۇز، 5 گرام شېكەر، 250 گرام سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، 3~2 قېتىمغا بۆلۈپ ئىستېمال قىلىسا بولىدۇ.