ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش كۈچىنى چىنىقتۇرۇشتىكى بەش خىل ئۇسۇل(2)

بوۋاقلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش كۈچىنى چىنىقتۇرۇشتىكى بەش خىل ئۇسۇل(2)

ۋاقتى: 2016-07-23 ئاۋاتلىقى: 558 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش كۈچىنى چىنىقتۇرۇشتىكى بەش خىل ئۇسۇل(2)


يېقىن ئارىلىق 

 

  بوۋاقنىڭ تونۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ.  بەك يىراق بولغان غىدىقلىغۇچى شەيئىيلەرنىڭ ئۈنۈم پەيدا قىلىشى تەس بولىدۇ.  كۆرۈش سېزىمىنىڭ دىققىتى بويىچە ئېلىپ ئىيتقاندا، يېقىن ئارىلىق بوۋاقنىڭ كۆرۈش دائىرىسىنى تېخىمۇ كۆپرەك غىدىقلىغۇچى شەيئىيلەر بىلەن تولدۇرىدۇ.  كۆرۈش سېزىمىنىڭ كاشىلىغا ئۇچرىشى بارغانسىرى ئازلاپ، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرىدۇ.  شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئويغانغان ۋاقىتتا ئائىلە باشلىقلىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭ كۆزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 سانتىمېتىر كىلىدىغان يەردە ئۇنىڭغا كۆرسەتسە بولىدۇ.   

 

مۇۋاپىق بۇيۇم

 

بوۋاقنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى، تۇتۇش سەزگۈسى ۋە ئاڭلاش سەزگۈسىنى يېتىلدۈرگەندە، ياخشى بىر غىدىقلىغۇچى نەرسىنى تاللاش كىرەك.  مەسىلەن، كۆرۈش سەزگۈسىنى يىتىلدۈرگەندە ئەڭ ياخشىسى رەڭگى ئوچۇق، چوڭراق، ئېنىق ئايرىغىلى بولىدىغان غىدىقلىغۇچى نەرسىلەرنى تاللاش كىرەك.  بەك ئىنچىكە نۇقتىلارغا بوۋقنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدۇرماسلىق كىرەك.  ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزى ئەڭ ئاسان بوۋاقنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە دىققىتىنى تارتىدۇ.  شۇڭا ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ ئالدىدا يۈز ئابروي تاپىدۇ.  ئۇلار بىۋاستە ئورگانىزىم جىددى ئىھتىياجلىق بولغان ماددىلارنى تولۇقلايدۇ.  مەسىلەن، سۈت بوتۇلكىسى، كىچىك قوشۇق دېگەنلەرمۇ بوۋاقنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىدۇ.  ئۇلار ئارقىلىق بوۋاقنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشنى يېتىلدۈرگەندە ھەم ئاسان ھەم قولايلىق بولىدۇ.  

 

ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش 

 

ھەرىكەتچان نەرسىلەر ئاسانلا بوۋاقنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدۇ.  مەسىلەن ئۇچۇۋاتقان كىپىنەك جىمجىت تۇرغان كىپىنەككە نىسبەتەن بوۋاقنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ.  ئەمما دىققەتنى يىغىش بىلەن ئەڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغىنى يەنىلا ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش بولىدۇ.  دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا كۈچىيىدۇ.  ئەگەر ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش بولمىسا، بوۋاقنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش كۈچى ناھايىتى تىزلا يۆتكىلىدۇ، ئۇلار بىر قىسىم ئالاھىدە بولغان نەرسىلەرنى ئىزدەيدۇ، ئەمما ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش مەۋجۇت بولسىلا، بوۋاقنىڭ قىزىقىشى ئاشىدۇ.  دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرىشىمۇ ئۇزاققا سوزۇلىدۇ.  نورمال ئادەملەر ئۆزىنى كىڭەيتىدىغان ئىقتىدار ھەم يۈزلىنىشكە ئىگە بولىدۇ.  ئاسانلا ئۆزىنىڭ ھەركەتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان شەيئىيلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.  مەيلى قايسى ياش قاتلىمىدا بولسۇن ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان شەيئىيلەر دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولىدۇ.  بوۋاققا نىسبەتەن ئىلىپ ئىيتقاندىمۇ يەنىلا شۇنداق بولىدۇ.


 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى