7 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
ۋاقتى: 2016-07-11
ئاۋاتلىقى: 484 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
7 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
بوۋاق يەتتە ئايلىق بولغاندا تەن تۈزۈلىشى مۇقۇملىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. ئەگەر ئاستى تەرەپ ئوتتۇرىدىكى ئىككى چىشى تېخى چىقمىغان بولسا مۇشۇ ئايدىلا ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئەگەر چىقىپ بولغان بولسا ئۈستى تەرەپتىكى ئىككى تال چىشىمۇ چىقىشقا باشلايدۇ.
تەن ئېغىرلىقى ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
ئالتە ئايلىققا توشقان ئوغۇل بوۋاقنىڭ تەن ئېغىرلىقى 9.8~5.9 كىلوگرام ؛قىز بوۋاقنىڭ تەن ئېغىرلىقى 9.0~55. كىلوگرام بولىدۇ. مۇشۇ ئايدىلا 07.5~045. كىلوگرامغىچە ئاشىدۇ.
بەدەن ئېگىزلىكى ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېگىزلىكى 73.2~62.4 سانتېمېتىر ؛قىز بوۋاقلارنىڭ 712.~606. سانتېمېتىر بولىدۇ، بۇ ئايدا بولسا بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 2 سانتېمېتىر ئۆسىدۇ.
باش ئايلانمىسى ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 44.9 سانتېمېتىر ئەتراپىدا ؛قىزلارنىڭ بولسا 43.9 سانتېمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.
مېڭە لىپىلدىقى ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
ئادەتتە بۇ ئايدىن بۇرۇن بوۋاقلارنىڭ مېڭە لىپىلدىقى ئانچە يېپىلىپ كەتمەيدۇ، بەزىلىرىنىڭ 1.5~0.5 سانتېمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئاللىقاچان كىچىكلەپ كېتىدۇ، يەنە بەزىلىرىنىڭ يالغان يېپىلىدىغانلىرىمۇ يوق ئەمەس.
بوۋاقلار چىشىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
بۇ ئايدا بوۋاقلارغا يەنە بىردىن ئىككى تالغىچە چىش چىقىدۇ.