ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

12 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئويۇن ئويناش ئالاھىدىلىكى

12 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئويۇن ئويناش ئالاھىدىلىكى

ۋاقتى: 2016-08-14 ئاۋاتلىقى: 611 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 

12 ئايلىق بولغان بوۋاقلار ئىدىيىسى ۋە ھەرخىل ھېس تۇيغۇلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ سەزگۈر مەزگىلى، ئەزالارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، مۇسكۇللارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشىنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن مەزگىلى. بۇ مەزگىل «قەدەم ئېلىشنى ئۆگىنىش» مەزگىلى ياكى «ھەرىكەت دەۋرى» مەزگىلى دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى بۇ مەزگىلدە بوۋاقلار بەدىنىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشنى سىناشقا باشلايدۇ، ھەرخىل خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ھەرىكەت قىلشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەرقانداق نەرسىنى تۇتۇپ ئورنىدىن تۇرۇش ۋە مېڭىشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. مەلۇم دەرىجىدە مۇستەقىللىق ئىدىيىسى شەكىللىنىدۇ، قىزىقىشى بارغانسىرى كۆپىيىدۇ، نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزىگە تايىنىپ قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بارا-بارا ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ بىر-بىرى بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ، چوڭلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى دوراشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇرغۇن گەپلەرنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ، يەنە چوڭلارنىڭ ماختاشلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق. بۇ ۋاقىتتا يەنىلا ئويۇنچۇقلار ۋە ئۇلار بىلەن ئويناش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىش، پۇت-قوللىرىنىڭ ۋە پۈتۈن بەدىنىنىڭ ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى