مېڭىشى بىنورمال بولۇش
ۋاقتى: 2016-07-20
ئاۋاتلىقى: 657 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەگەر بوۋاقنىڭ ئايىغى كېچىكىپ چىقسا، تۆۋەندىكى ئامىللارنى ئويلىشىشقا بولىدۇ:
كىيىم-كېچىكى زىيادە قېلىن بولسا، ھەرىكىتىگە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ؛
دائىم كۆتۈرۈش ياكى ھارۋىغا سېلىپ قويۇلغانلىقتىن مېڭىش پۇرسىتى بولماسلىق؛
زىيادە سېمىزلىك؛
ئۆسۈپ-يېتىلىشى نورمال بولماسلىق؛
مېڭىشنى ئۆگىنىش جەريانىدا كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشى بولغانلىقتىن مېڭىشنى خالىماسلىق؛
قول ھەرىكىتىگە بېرىلىپ، كۆپ ماڭماسلىق؛
تايانغۇدەك نەرسە كەم بولۇش، قىزىقىشى كەمچىل بولۇش؛
ئەگەر يۇقارىقى ئەھۋاللار بولماي، 18ئايلىقتىن ئېشىپمۇ ئايىغى چىقمىسا ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ تەدبىر قوللىنىش لازىم.
Tags: بوۋاق ئۆسۈپ-يېتىلىش