بالىلاردىكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى قانداق كېسەللىك؟
يانفوندا كۆرۈش
B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بولسا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى باكتېرىيسى(HBV)كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل دۇنيا خاراكېرلىك كېسەللىك. تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى تارقىلىش نىسبىتى يۇقىرى، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيادىكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ ئېلىپ يۈرگۈچىسىنىڭ سانى 280 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن 130 مىليون كىشى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ ئېلىپ يۈرگۈچىسى ئىكەن.
كۆپىنچىلىرىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن بىر قىسىم كىشىدە جىگەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش كۆرۈلگەن. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارى 300مىڭ. B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالاھىدىلىكى كېسەللىك قوزغىلىشى ئاستا، سۇب(ئىككىلەمچى) كلىنىكىلىق(亚临床型) ھەمدە ئاستا خاراكتېرلىك B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كۆپ ئۇچرايدۇ. سېرىقلىق كۆرۈلمىگەن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى مۇسپەت بولغانلار ئاسانلا ئاستا خاراكتېرلىككە ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇ كېسەل ئاساسلىقى قان ئارقىلىق، ئاندىن بالىغا، جىنسىي مۇناسىۋەت قاتارلىقلاردىن يۇقىدۇ. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزۇش بولسا بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتىكى تۈپكى ئۇسۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.