بوۋاقلارنىڭ قورسىقى كۆپۈشنىڭ سەۋەبى نېمە؟
يانفوندا كۆرۈش
ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ قورسىقى قورامىغا يەتكەن ئادەملەرنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ، قارىماققا پولتىيىپ چىقىپ قالىدۇ، بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى بوۋاق بالىلارنىڭ قورساق مۇسكۇلى تېخى يېتىلمىگەن، ئەمما قورامىغا يەتكەن ئادەملەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش ساندىكى ئەزالارنى سىغدۇرغانلىقىدىن كېلىپ چىققان. قورساق مۇسكۇلى يېتەرلىك كۈچ بىلەن تېرەپ تۇرالمىغاچقا قورساقنىڭ ئالدىغا پولتىيىپ چىقىشى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، بولۇپمۇ بوۋاق بالىنى كۆتۈرۈۋالغان چاغدا بوۋاقنىڭ قورسىقى تېخىمۇ پولتىيىپ تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ. بۇندىن باشقا، بوۋاق بالىنىڭ گەۋدىسى يۇمىلاق بولىدۇ، چوڭلارنىڭ بولسا يايسىمان، بۇمۇ قارىماققا بوۋاقلارنىڭ قورسىقىنىڭ پولتىيىپ چىقىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى.
بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر بىلەن ئىرسىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
بوۋاقلاردىكى قاتما كېسەلنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
بالىلار ھۆل تەمرەتكىسىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟