تۇخۇملۇق يالتىراق بېلىق دۈملىمىسى
ۋاقتى: 2016-07-29
ئاۋاتلىقى: 643 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق يېشى: 12 ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار
خۇرۇچلار: يالتىراق بېلىقتىن 50 گرام، ئۈچ تال تۇخۇم
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1) يالتىراق بېلىقنى پاكىز چايقاپ، چاناپ قىيما قىلىمىز. تۇخۇمنى بىر قاچىغا چېقىپ ئېلەشتۈرىمىز ۋە ئۈستىگە 240 مىللىلېتىر ئىلمان قايناقسۇ قۇيۇپ داۋاملىق ئارىلاشتۇرىمىز.
2) چاناپ تەييارلانغان بېلىقنى تۇخۇمنىڭ ئۈستىگە سېلىپ ئارىلاشتۇرىمىز، ھەمدە كۈچلۈك ئوتتا 10 مىنۇت دۈملەيمىز.
ئەسكەرتىش: يالتىراق بېلىقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، مول مىقداردا ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، ماي مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن، تال-ئاشقازان ئىقتىدارى ناچار، ئىشتىھاسى ناچار، بەدەن قۇرۇلۇشى تەڭ ياشتىكى بالىلارغا قارىغاندا كىچىك بولغان بوۋاقلار، ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.
Tags: