يانفوندا كۆرۈش
سۈيدۈك لاتىغا يۇمشاق، سۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى بولغان پاختا توقۇلمىلارنى ئىشلىتىش، پات-پات يۇيۇپ پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش لازىم. ئادەتتە كۈندۈزى تۆت قېتىمدىن كۆپرەك، كېچىدە ئىككى قېتىمدىن كۆپرەك ئالماشتۇرۇش لازىم. ھەر قېتىم ئالماشتۇرغاندا كاسسا قىسمىنى پاكىز يۇيۇش ھەمدە سىرتتىن تېرە ئاسرايدىغان مايلىق دورىلارنى سۈرۈش كېرەك. سۈيدۈك ھۆللۈكىدىن ساقلىغۇچقا (尿不湿) سۈپىتى ۋە ئۆتكۈزۈشچانلىق ياخشىسىنى تاللاش كېرەك، ئۆيدىكى ۋاقىتلاردا ئامال بار زاكا ئىشلىتىش لازىم، سىرتقا چىققاندا ياكى ئۇخلىغاندا سۈيدۈك ھۆللۈكىدىن ساقلىغۇچنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بوۋاقنىڭ پۈت قوللىرىنى ئەركىن ھەرىكەتلەندۈرۈشى ئۈچۈن سۈيدۈك لاتىسى ياكى سۈيدۈك ھۆللۈكىدىن ساقلىغۇچنى چىڭ ئورۇۋەتمەسلىككە دىققەت قىلىش لازىم.