پەقەت سىزلا ئۆزىڭىزنىڭ جىنسىيەت مۇتەخەسسىسى
ۋاقتى: 2016-03-21
ئاۋاتلىقى: 877 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بىز بۇ يەردە نېمىشقا "مۇتەخەسسىس" دېگەن سۆزنى قوش تىرناق ئىچىگە ئالدۇق؟ چۈنكى، ئەمەلىيەتتە، سىزگە ھەقىقى تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان مۇتەخەسسىس ئىككىلا: يەنى سىز ۋە سىزنىڭ ھەمراھىڭىز. سىلەرنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان مۇھەببىتىڭلار، توختاۋسىز سىلاپ-تۇتۇشۇڭلار ھەمدە ئىككىڭلارنىڭ ئىنكاسىدىن سىرت، "مۇتەخەسسىس"لەرنىڭ ھەرقانداق تەكلىپى سىزگە ئۆزىڭىز بىلەن ھەمراھىڭىز قانداق قىلىپ ئەڭ يۇقىرى پەللىگىچە لەززەتلەندۈرۈشنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.
ئۆزىڭىزگە بىرەر پىشكەللىك تېپىۋالماسلىق ئۈچۈن "مۇتەخەسسىس" لەرنىڭ تەكلىپلىرى، گېزىت-ژۇرنالاردىكى مەخسۇس ماقالىلەر ياكى مەزكۇز كىتابتەك قوللانمىلارغا ھەرگىز ئالدىراپ ئۆزىڭىزنى ئۇرماڭ. دەرۋەقە سىز بۇ ئۇچۇرلاردىن بەزى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايسىز، ئەمما ئۇلاردا راست-يالغان ئارىلىشىپ كەتكەن، ھەتتا تولىسى يالغان. 20-ئەسىردىكى ھەربىر جىنسىيەت مۇتەخەسسىسى-فرېئۇد، كىنسېل، ماستېر ۋە جونسون قاتارلىقلارنىڭ نەزەرىيىلىرىدە خاتالىق بار. كۆز ئالدىمىزدىكى مۇتەخەسسىسلەر تېخىمۇ شۇنداق. ھەرقانداق ئادەمنىڭ جىنسىيەتتىكى كۆز قاراشلىرىغا ھەقىقەت دەپ ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كۆز قاراشلارنىڭ سىزگە مۇۋاپىق كېلىشى ناتايىن. ئەڭ ياخشىسى، سىزگە ئۆزىڭىزگە ئەسقاتىدىغاننى ئۆگىنىڭ، ئۆزىڭىزگە لازىملىقىنى تاللىۋېلىڭ، قالغانلىرىنى چۆرۈپ تاشلاڭ.
بۇنىڭدىن سىرت، ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارنىڭ جىنسىي ھەرىكىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ، شۇڭا دائىم ئادەمگە قاراپ ئىش كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. پەقەت سىز مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەت ئاساسىدا ئىش كۆرسىڭىزلا، توغرا-خاتا دەپ ئايرىيدىغان ھېچقانداق ئىش بولمايدۇ(ئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەقىدىلىرىمىزنى، پەرھىزلىرىمىزنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ). سىزدە ئۆز جىسمىڭىز ۋە تەجرىبىڭىزگە نىسبەتەن ئىشەنچ بولۇشى كېرەك. ناۋادا سىز ئۆزىڭىز ھەل قىلالمايدىغان بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىڭىز جىنسىي مەسىلىلەرنى پىششىق بىلىدىغان پىسخولوگ، جىنسىي كېسەللىكلەر دوختۇرى، ئاياللار ۋە تۇغۇت بۆلۈم كېسەللىكلىرى دوختۇرى، نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرى ۋە سۈيدۈك يولى كېسەللىكلەر دوختۇرىنى تېپىپ سۆزلىشىڭ، ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىسام زادى بولمايدۇ دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇۋالماڭ، ئۇلار سىزگە نېمىلەرنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بەلگىلەپ بەرمىسۇن، نېمىنى تاللاشنى پەقەت ئۆزىڭىزلا بەلگىلىيەلەيسىز، ئۆزىڭىزلا ئەڭ ئىشەنچىلىك.
Tags: