قىرىقىنى قىلىش
ۋاقتى: 2016-08-04
ئاۋاتلىقى: 535 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالا تۇغۇلۇپ 40 كۈن بولغاندا، ئانىسىمۇ ئەسلىگە كېلىدۇ، شۇنداقلا بوۋاقتىمۇ ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. شۇڭا، مۇشۇ كۈندە بالىنىڭ قىرقىنى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بوۋاقنىڭ قىرقىنى چىقىرىش باسقۇچلىرى مۇنداق بولىدۇ: «ئالدى بىلەن قىرقىنى چىقىرىش مۇراسىمى ئۈچۈن 40 توقاچچاق يېقىپ، قىرىقىغا قاتناشقان بالىلارغا تەييارلىنىدۇ. ئاندىن بوۋاققا قىرىقىلىق دەپ بوۋاق كىيىمى تىكتۈرۈلىدۇ ياكى تەييار بوۋاقلار كىيىمىنى ئېلىپ راسلايدۇ. ئاندىن بالىلارنى چاقىرىپ تاماق ئېتىپ، بوۋاقنى داستا ئولتۇرغۇزۇپ، بېشىغا قىرىق قېتىم بوۋاقنىڭ بەخت-تەلىيى ئۈچۈن، ياخشى، ياراملىق ئادەم بولۇشى، ئەلگە كېرەكلىك ئادەم بولۇشى ئۈچۈن ئاتاپ سۇ قۇيۇلىدۇ. ھەتتا بەزى جايلاردا ئالتۇننى چايقاپ شۇ سۇ بىلەن يۇيۇش ئادىتىمۇ بار. بالا يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇراسىمغا قاتناشقان بالىلارغا توقاچچاق تارقىتىلىدۇ، تاماق بېرىلىدۇ، بوۋاققا قىرىقىلىق كىيىم كىيگۈزۈلىدۇ.» (يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق، «قائىدە-يوسۇنلىرىمىز»، 42-بەت).
بوۋاقنىڭ قىرىقىنى چىقىرىش خەلقىمىزنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىلا تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ئۆرپ-ئادىتى بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ ساغلام، ئۆسۈپ چوڭ بولۇشى ئۈچۈن جۆىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.