ئېغىزلاندۇرۇش
ۋاقتى: 2016-02-26
ئاۋاتلىقى: 890 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئېغىزلاندۇرۇش دېگىنىمىز. چاينالغان نەرسىنى بوۋاقنىڭ ئاغزىغا سېلىپ ئاغزىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش دېگەنلىكتۇر. بوۋاق شۇ نەرسىنى يۇتقىچە ئۇنى ئوڭ-سولغا ئاستا-ئاستا ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ ھېكمىتى شۇكى، بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى تىل ھەرىكىتى ئارقىلىق كۈچلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانىسىنى ئېمىشتە قىينالماي ياخشى ئېمەلەيدۇ. (ئابدۇلئەھەد ئەمىر قۇتلۇق، «99 ئىسىمنىڭ ئىزاھاتى»، 112-بەت).
خەلقىمىز بالىنى ئېغىزلاندۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، چۈنكى، خەلقىمىزنىڭ چۈشەنچىسىدە، بالىنى قانداق كىشى ئېغىزلاندۇرغان بولسا، شۇ كىشىنىڭ خۇيىنى ئېلىپ قالىدۇ، دەيدىغان ئەقىدە ناھايىتى يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىسىنى ئېغىزلاندۇرۇشقا ئۆز جەمەتىدىن بىلىمدە كامالەت تاپقان، تەقۋادار، ئادالىتى كۈچلۈك، يۇرت ئىچىدە ئىناۋەتلىك كىشىلەردىن بىرىنى تاللاپ، بالىسىنى ئېغىزلاندۇرۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. نان خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىكىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇرىدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر ئەقىدىسى سىڭگەن بولغاچقا، بوۋاق ئالدى بىلەن يۇمشاق چاينالغان نان بىلەن ئېغىزلاندۇرۇلىدۇ. نان يەنە سىمۋۇللۇق مەنىسىدە شۇ كىشىنىڭ رىزقىنىڭ پۈتۈن بولۇشىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. ئېغىزلاندۇرغۇچى ناننى يۇمشاق چايناپ ياكى يۇمشاق ئېزىپ بوۋاققا يېگۈزۈۋاتقاندا، بوۋاقنىڭ نېنىنىڭ پۈتۈن بولۇشىنى، ناننى قەدىرلىشىنى، بەدىنىنىڭ ساغلام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ تىلەك تىلىنىدۇ.