ھەرىكەت ئارقىلىق ھامىلدار ئايالنىڭ بەدەن ئېغىرلىقنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ كېتىشىنى كونترول قىلىش
ۋاقتى: 2015-08-12
ئاۋاتلىقى: 703 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھەرىكەت ئارقىلىق ھامىلدار ئايالنىڭ بەدەن ئېغىرلىقنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ كېتىشىنى كونترول قىلىش
ھامىلدار ئايالغا ماس كېلىدىغان ھەرىكەتلەر
پىيادە مېڭىش: كەچتە ھاۋانىڭ سۈپىتى بىرقەدەر ياخشى، ئوكسىگېن مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئانىنىڭ قېنىدىكى ئوكسىگېن مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ، بىۋاستە ھامىلىگە يەتكۈزۈلۈپ، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ساغلام يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، پىيادە مېڭىش يەنە ھامىلدار ئايالنىڭ داس بوشلۇقىنىڭ قىسقىراش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھامىلە ئورنىنىڭ توغرا بولماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھامىلدارنىڭ قورساق مۇسكۇلىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، ھامىلدارنىڭ تۇغۇتىنى ئوڭۇشلۇق قىلىدۇ.
مەشقى: بۇ بولسا بىر خىل ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا قىلىشقا ماس كېلىدىغان ھەرىكەت. ئۇنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەت ئۇسۇلى بولسا داس بوشلۇقنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى مۇسكۇللارنى قىسىش ئارقىلىق ئورۇندىلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بالياتقۇنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى تىرەك مۇسكۇل، جىنسىي يول قىسقارتقۇچى مۇسكۇل، سۈيدۈك يولى قىسقارتقۇچى مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، تۇغۇتتىن كېيىنكى كۈندە ئىككىدىن ئۈچ گۇرۇپپىغىچە، ھەر گۇرۇپىدا 10 دىن15 قېتىمىغىچە ئىشلىگەندە ئاياللارنىڭ يۇقارقى مۇسكۇللىرى ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇتتىن ئىبارەت ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنداپ، تۇغۇتتىكى چات ئارىلىقنىڭ يىرتىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىدۇ، ھەمدە تۇغۇتتىن كېيىن جنسىي يولنىڭ ئېلاستىكىلىقنىڭ تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ھامىلدارلارغا ماس كېلىدىغان سۇدىكى ھەرىكەتلەر بولسا، سۇ ئۈزۈش، سۇ گىمىناستىكىسى قاتارلىقلار. سۇدىكى ھەرىكەتلەر بولسا ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئالاھىدە بىر تۈر، ھامىلدارلارغا نىسبەتەن پايدىسى ئىنتاين زور. سۇنىڭ لەيلىتىش كۈچىنىڭ ھامىلدارلىقتىن كېيىن ئاشقان 10-15 كىلوگرامغىچە ئېغىرلىقىنى تىرەشكە ياردىمى بار، سۇنىڭ قارشىلىق كۈچى بولسا بارغانسېرى بوشىشىپ كېتىۋاتقان بوغۇملارنىڭ زەغمىلىنىش پۇرسىتىنى ئازايتىدۇ، سۇنىڭ ھاۋاغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى تارقىتىش رولى بار بولۇپ، ھامىلدارلارنىڭ بەدەن تېمىپىراتۇرىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشى ھاجەتسىز.
يوگا تۈرىدىكى باشقا ھەرىكەتلەر: كۈچ مەشقى، يوگا قاتارلىقلار، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ مۇئەييەن قىيىنلىق دەرىجىسى بار، ھەمدە ئازراق خەتىرىمۇ بار، دائىم بۇ مەشقنى قىلدىغان ئاياللار ھامىلدارلىقتىن كېيىن تېخىمۇ ئېھتىيات قىلغان ئاساستا داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ، بەزى ھەرىكەتلەر ئېنىقلا ھامىلدارلارغا ماس كەلمەيدۇ، بۇنداق ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق كېرەك، مەسلەن نەپەسنى قىسىپ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرۈش، پەينى بەك سۇزۇۋېتىش، مۈرە-جەينەكنى تەتۈر تىكلەش قاتارلىقلار. ئەڭ ياخشىسى موشۇ ھەرىكەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىسىنى تەكلىپ قىلىپ، بىر تۈرلۈك ئۈنۈملۈك ۋە بىخەتەر بولغان مەشىق لايىھەسىنى تۈزۈش كېرەك.