ئىككى خىل سەنئەت تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى
ۋاقتى: 2016-07-17
ئاۋاتلىقى: 703 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىككى خىل سەنئەت تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى
سەنئەت، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى تەكچىدىكى زىبۇ ـ زىننەتكە ئوخشاش دەپ قارايدۇ. سەنئەت بايرىمىنىڭ باش نازارەتچىسى ۋاڭ ۋېنيى مۇنداق دەيدۇ:«ئۆرلەپ ئوقۇش تۈزۈمى ئېغىر بولغان دۆلەتلەردە(ئاسىيا رايونىدىكىگە ئوخشاش)، شۇ مەملىكەت كىشىلىرىنىڭ سەنئەت تەربىيەسىدە ئوموميۈزلۈك كەمچىللىك مەسىلىسى بار.»
1.ھامىلىنىڭ تەۋرىشى كۆرۈنەرلىك بولغاندىن كېيىن:
ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى سېزىك ۋە سۆز ھەرىكەتتە ئېھتىياتچان بولۇشتىن خوشلاشقاندىن كېيىن، ھامىلدار بولۇپ 20 ـ ھەپتىسى ئەتىراپىدىكى ھامىلە تەكشۈرۈشىدە، دوختۇر ھامىلدار ئايالغا دائىم:« ھامىلىنىڭ تەۋرىشىگە دىققەت قىلىڭ، ھامىلە تەربىيەسىنى باشلىسىڭىز بولىدۇ!» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.
نېمىشقا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ سەنئەت تەربىيەسىنى باشلىماي، ھامىلىنىڭ تەۋرىشىنى سەزگەندىن كېيىن ئاندىن باشلايمىز؟ ھامىلىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ يېتىلىش ۋاقتىغا ئاساسەن، ھامىلىنىڭ بۇ ۋاقىتتا كۆرۈش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمىنىڭ ئۇچۇر قوبۇل قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەنلىكى، ھەمدە ھەرۋاقىت ئانا تېنىدىن كەلگەن ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بۇ مەزگىلدىكى ھامىلە قوياش نۇرىنىڭ چۈشۈشىگە ئىنكاس قايتۇرىدۇ، ئانىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى، ھەتتاكى ئانىنىڭ كەيپىيات ئۆزگىرىشلىرىدىن تارتىپ ھېس قىلالايدۇ.
0 ياشتىن باشلاپ تەربىيىلەشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىدىغان ياپونىيەلىك ئوڭ مېڭىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇتەخەسسىسى چى تىيەن جىن پىرافىسور:« ئانا بىلەن ھامىلە ئارىسىدىكى ھەرخىل نازۇك مۇناسىۋەت، دەل ھامىلە تەربىيەسىنىڭ ئاساسى» دەپ چۈشەندۈرىدۇ.