ئون ئايلىق ھامىلىنىڭ تەۋرەش بىلىملىرىدىن خۇلاسە
ۋاقتى: 2016-07-01
ئاۋاتلىقى: 654 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئون ئايلىق ھامىلىنىڭ تەۋرەش بىلىملىرىدىن خۇلاسە
ھامىلدار بولۇپ ئون ئاي بولغاندا، ھامىلىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ تىپتىكى تەۋرەش كۆپ كۆرۈلمەيدۇ. ناۋادا ھامىلە بارمىقىنى شوراۋاتقان بولسا، تۇيۇقسىز بارمىقىنى تاپالماي قالغاندا، باش قىسمىنى بىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرەپكە بۇراپ، بارمىقىنى ئىزدەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
ھامىلدارلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئىككى ھەپتىسىدە، ھامىلىنىڭ تەۋرىشى سەل ئاستىلايدۇ، يېتىلىش سۈرئىتىمۇ ئاستىلايدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
شۇ ئېسڭىزدە بولسۇنكى، ھامىلىنىڭ تەۋرىشى ئېنىق بولغان مەزگىلدىمۇ دائىم تەۋرەپ تۇرۇشى ناتايىن، چۈنكى ھامىلىمۇ ئارام ئالىدۇ، ئۇخلايدۇ. بەزىدە ھامىلە بىر نەچچە سائەت جىمجىت ياتالايدۇ.