جىنسىي يولۇمدىن سۇس سېرىق رەڭلىك پۇراقسىز سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ، نېمە سەۋەبتىن؟
ۋاقتى: 2016-08-16
ئاۋاتلىقى: 882 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
سوئال: مەن ھامىلىدار بولغىنى 33 ھەپتە بولغان، جىنسىي يولۇمدىن سۇس سېرىق رەڭلىك پۇراقسىز سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ، نېمە سەۋەبتىن؟
جاۋاب: ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئاياللىق ھورمۇننىڭ تەسىرىدە ۋە سىرتقى جىنسىي ئەزا، جىنسىي يول، بالىياتقۇ قاتارلىقلارنىڭ قان ئايلىنىشى تېزلىشىشى سەۋەبلىك بۇ ئورۇنلاردىكى توقۇلمىلاردا سۇيۇقلۇق بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ ۋە شۇ سەۋەبلىك ئاق خۇننىڭ مىقدارىمۇ ئادەتتىكىگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلىدارلىق مەزگىلىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئاق خۇننىڭ مىقدارىمۇ ئاشىدۇ، سىزدىكى بۇخىل ئەھۋال نورمال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئادەتتە ئالاھىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق.