چوڭ ھۈجەيرە ۋىرۇسىنىڭ بىنورماللىقى ھامىلىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
سوئال: مەن ھامىلىدار بولغىلى 21 ھەپتە بولدى، بۈگۈن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتسەم، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە: چوڭ ھۈجەيرە ‹巨细胞› ۋىرۇسىنىڭ DNA سى بىنورمال دەپ چىقىپتۇ. بۇنىڭ ھامىلىگە تەسىرى بولامدۇ؟
جاۋاب: چوڭ ھۈجەيرە‹巨细胞› ۋىرۇسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولسا ئانىنىڭ بۇ خىل ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ پەقەت ئېلىپ يۈرگۈچىسى خالاس. كىلىنىكىدا بۇخىل ۋىرۇسنىڭ ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھامىلىنىڭ بىنورمال بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش تەسىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، ھازىر سىزگە نىسبەتەن پەقەت ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى(بىچاۋ) ئارقىلىق ھامىلىنى تەكشۈرگەندە ھامىلىنىڭ بارلىق ئىچكى ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشى نورمال چىقسىلا ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ياخشى ئوزۇقلىنىشقا ۋە ساقلىقنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.